باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى مۇقەررەر بىتچىت بولىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2020-07-07   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە مىسلىسىز يېقىنلاشتى، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خۇددى يىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئىنتايىن زور تەشۋىش ۋە ئاچچىق غەمگە پېتىپ قالدى. ئۇلار ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» «شىزاڭ مەسىلىسى» «شياڭگاڭ مەسىلىسى» «تەيۋەن مەسىلىسى» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قورشاش، توسۇش ئېلىپ باردى، بۇ قېتىم يەنە ئاتالمىش «2020 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىنتايىن بىمەنە ھالدا دۆلەت ئىچى قانۇنى شەكلى ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلىمەكچى بولغانلىقى ئامېرىكىنىڭ ۋاسىتە تاللىماي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاشىلا قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئاستىلىتىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. شىنجاڭنى مالىمان قىلىپ، جۇڭگونى توسۇش، ئامېرىكىچە «كىشىلىك ھوقۇق» دەستىكى ئارقىسىغا يامان غەرەز يوشۇرۇنغان ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدە ھەم ناھايىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبە، ھەم تەخىرسىز رېئال ئېھتىياج بار. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا زومىگەرلىكىنى تالىشىش ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشقا ئاساسەن، ئىلگىرى شىنجاڭغا ئۇزاق مۇددەت، سىجىل دىققەت قىلىش ئاساسىدا، سىستېمىلىق سىڭدۈرمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئاساسلىقى شىنجاڭغا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي نىشان ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان؛ ئامېرىكىغا مايىل كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى «پانئىسلامىزم» «پانتۈركىزم» ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى قوللىغان، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستى ۋە ھەرىكەت قەدەم - باسقۇچىنى پىلانلىغان؛ نۇرغۇن مۇخبىرنى شىنجاڭغا زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىگىلەپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ پىلانلاپ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نىشان بېكىتىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرغان. سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى قۇتۇپ سىستېمىسى يىمىرىلدى، ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى قايتا تەڭشەپ، ئىلگىرىكى جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەگە ئەھمىيەت بېرىشتىن سىرتقا ئامېرىكىچە قىممەت قارىشىنى چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتتى. 1990 - يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يىللىق «كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»نى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلغان دۆلەت، دەپ قارىدى، ھەم ئاتالمىش «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىي ئەربابلار شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ۋەكىللىك ئادەملىرىنى كەينى - كەينىدىن قوبۇل قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى خىراجەت ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن ئاشكارا تەمىنلىدى، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەتتا شىنجاڭنى چەكلەيمىز دەپ ئاشكارا جار سالدى، شىنجاڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى توسۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم سىياسىي دەسمايىسىگە ئايلاندى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، ھە دەپ قۇسۇر تاپتى. «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى سىياسىيلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ «قوش ئۆلچەم»نى يولغا قويۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ ھە دەپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىدى ھەم كونتروللۇق قىلدى؛ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىمىزگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنى ئالۋاستىلاشتۇرىدىغان ئاممىۋى پىكىر ھۇجۇمى قوزغىدى؛ شىنجاڭغا ئالاقىدار مىللەت، دىن مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى يولغا قويۇشقا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى شۇكى، شىنجاڭدا «شىنا» قېقىپ، شىنجاڭنى جۇڭگونى غەربچىلەشتۈرۈش، پارچىلاشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى، «رەڭلىك ئىنقىلاب»نى يولغا قويۇشنىڭ قوزغىتىش مەنبەسى، جۇڭگونى توسۇش، بېسىشنىڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇشتۇر، بۇ يامان سۇيىقەستلەر «سى ماجاۋنىڭ نىيىتى ھەممىگە ئايان» دېگەندەكلا ئېنىق! پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قالايمىقان ئويدۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار گەپ - سۆزلىرى پۈتۈنلەي تۇترۇقسىز گەپلەر ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەرگىزمۇ قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس. ئۆتكەنكى بىر مەزگىلدە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشىنىڭ تەسىرىدە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسلىق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. نۇرغۇنلىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى، ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدىيەۋى مەنبە ئەسەبىزمنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىدۇر، تېررورىزم، ئەسەبىزمدىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمە يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ خاتىرجەم بولالمايدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئېغىر تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مۇئەييەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن چېتىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىق سەۋەبلەرنى ئاساس قىلغان ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئۇسۇلنى چەكلىدى. كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالدىنى ئېلىش، تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاز ساندىكى جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان، جاھىل، ئۆزگەرمەس زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى، غوللۇق ئۇنسۇرلىرىنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى؛ كۆپ ساندىكى جىنايىتى يېنىكرەك ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قارىتا تەربىيە بېرىش، قۇتقۇزۇۋېلىش، قوغداشنى ئاساس قىلىپ، ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتتى. مۇقىملىقنى قوغداشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئامما ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلى تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇۋېلىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى، ۋەقەلىرى يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزم ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. 2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك، گۇرۇپپا، 90 نەچچە دۆلەتنىڭ 1000دىن ئارتۇق ئادىمى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. 2019 - يىلى 3 - ئايدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 46 - قېتىملىق يىغىنى قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەرىپلىدى. 7 - ئايدا، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئەۋەتىپ، ئامېرىكا، غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان قارا چاپلىشى، ھۇجۇم قىلىشىغا قاتتىق رەددىيە بەردى. 10 - ئايدا، 60 نەچچە دۆلەت 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3 - كومىتېتى يىغىنى مەزگىلىدە ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى. ھالبۇكى، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ۋە چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىماي، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى قىلچە تەپ تارتماي ئۆز مەيلىچە كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بوھتان چاپلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كوزىرى» «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە كوزىرى» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش كوزىرى» «يۇقۇم كوزىرى» «كىشىلىك ھوقۇق كوزىرى» «مىللەت كوزىرى» «دىن كوزىرى» «مائارىپ كوزىرى» «ئىلىم كوزىرى»نى ئويناپ، شىنجاڭغا قارىتا سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، قىلچە ئاساسى يوق، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە داۋلىسى يوق ھالدا بىر يۈرۈش ئاتالمىش شىنجاڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى» «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولدى. مەسىلەن، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەكرار كۆپتۈرگەن ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ قويدى» دېگەن كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ پىتنە - ئىغۋانى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىغان ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلات «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار تورى» پەقەت سەككىز ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىش ۋە يۈزە، تەخمىنەن ھېسابلاشقا ئاساسلىنىپ توقۇپ چىققان. ھالبۇكى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن، رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ قاراپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تاللاپ خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پاكىتنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. رەزىللىككە تولۇپ، سېسىق نامى پۇر كەتكەن، ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» چۈمپەردىسى ئۆزىنىڭ يىرتىلغان يارا ئىزىنى ياپالمايدۇ ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» «ئەخلاق رېپېرى» دەپ ئاتىۋېلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق كالتىكى»نى خالىغانچە پۇلاڭلىتىپ، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنى «كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى»گە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەمدە دەخلى - تەرۇز قىلىشتەك ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. ئامېرىكا يولغا قويغان «قوش ئۆلچەم» خۇددى بىر پارچە ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقىنى يوشۇرىدىغان ئۇيات لاتىسىغا ئوخشايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قارىتا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى ھەرگىز ياپالمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە، «ئەركىنلىك ئىلاھى»نىڭ ئارقىسىدىكىسى بولسا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسىدۇر، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق، باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش كۈنسېرى ئېغىرلاشتى، كۆچمەنلەر سىياسىتى قان قېرىنداشلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتتى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھادىسىلىرى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، گىۋانتانامو تۈرمىسىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتتى، دىنلار كەڭ قورساق بولماسلىق توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەر ئەدەپ كەتتى، مۇسۇلمانلار توپىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچرىشى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ، «مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ يېقىندا، ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان 46 ياشلىق ئەر جورجې فلويدنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدە ساقچى تەرىپىدىن بوينىغا تىزلىنىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشى ئامېرىكا ۋە يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى قوزغاپ، ئامېرىكىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان سىستېما خاراكتېرلىك ئىرقىي كەمسىتىش يارىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاچتى. دۇنيادا، ئامېرىكا «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» دېگەن يەككە تەرەپچىللىك سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلدى، بولۇپمۇ چەت ئەلدىكى ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلەيدىغان «چاتاق تېرىغۇچى»غا ئايلاندى. ئامېرىكا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە خەلقئارا قانۇن مىزانىغا ئوچۇق - ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا، ئۆكتەملىك بىلەن ئىراق ئۇرۇشى، ئافغانىستان ئۇرۇشى، سۇرىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، 801 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سەرگەردان بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ساقايماس ئۇرۇش جاراھىتى قالدۇردى. كەڭ كۆلەمدە «قىرلىق ئەينەك پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، پۈتۈن كۈن 24 سائەت ئۆزى خالىغانچە پۈتۈن يەرشارىدا نازارەت قىلىپ تىڭشاش، نازارەت قىلىپ كۆزىتىشنى يولغا قويدى، ھەتتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى. شۇنداقتىمۇ ھەر ۋاقىت پۈتۈن دۇنيانى نازارەت قىلىپ - كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا شىنجاڭنى يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئىشلىتىپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلدى، دەپ بوھتان چاپلىدى، ھەم بۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى چەكلىدى، مانا بۇ، پۈتۈنلەي مۇتتەھەم، يولسىز بولغان قاراقچى لوگىكىسى. پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇرۇشخۇمار دۆلەت، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەڭ ئېغىر دۆلەت، ئەڭ ئەخلاق تۆۋەن چېكى يوق دۆلەت، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قارىتا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز، يەنە قايسى يۈزى بىلەن باشقا دۆلەتلەردىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، قالايمىقان بىلجىرلايدۇ؟ ۋەزىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، قارشى يول تۇتۇش، ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى مۇقەررەر تارىخنىڭ شەرمەندىچىلىك تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى يولغا قويۇپ، «دېموكراتىيە» ئارقىلىق زومىگەرلىكنى پەردازلىشى، «كىشىلىك ھوقۇق» ئارقىلىق زومىگەرلىكنى قوغدىشى، يولسىزلىقنى ھەققانىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى، ئامېرىكىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سىياسىي بىر تەرەپلىمە قارىشى، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش، جۇڭگونى مالىمان قىلىشتەك قاراڭغۇ پىسخىكىسى، زومىگەرلىكنى قولدىن بېرىشكە چىدىماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن جان تالىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى، بۇ تامامەن تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىقتۇر. تارىخ ئېقىمىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قىممەت ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. لېكىن، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر جاھاننىڭ مالىمان بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرمەكچى بولغىنى تىنچ، خاتىرجەم شىنجاڭ ئەمەس، بەلكى داۋالغۇپ تۇرغان شىنجاڭ، ئۇلارنىڭ كاللىسى يەنىلا مۇستەملىكىچىلىك، كېڭەيمىچىلىك قىلغان كونا دەۋرىدە توختاپ قالغان، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىدا، نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش كونا رامكىسىدا توختاپ قالغان، دۇنياغا يالغۇز زومىگەرلىك قىلىش خام خىيالىدا توختاپ قالغان، بۇنداق كەينىگە دەسسەپ تەتۈر ئىش كۆرۈش ئاخىر دەۋر تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. ھەققانىيلىققا، ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ خىرىس قىلىدىغىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇپ، ئۇ، سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزم پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە چوڭقۇر ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئامېرىكا ئەكسىچە يول تۇتۇپ، تېررورچى كۈچلەرنى ئاشكارا، يوشۇرۇن ھالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ، قىلچە نومۇس قىلماي يېپىپ پەردازلىدى. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتى ئەگەر ئامېرىكىغا قارىتىلغان بولسا، يولدىن چىققانلىق بولىدۇ؛ ئەگەر شىنجاڭغا قارىتىلغان بولسا، گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولىدۇ، ھەتتا جۇڭگو شىنجاڭدا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتىنى «مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى» دەپ قاراپ، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنى «دېموكراتىيە جەڭچىسى» دەپ قاراپ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە «يۈرەك كۈچەيتىش ئوكۇلى» ئۇرۇپ، «روھلاندۇرۇش دورىسى» بېرىپ، ماھىيەتتە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى زەمبىرەك يېمى قىلىپ، ئۆزىنىڭ خۇپىيانە غەرىزىگە يەتمەكچى بولدى. خەلقئارا قانۇنچىللىقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىكى بارلىق خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىنىڭ يادروسى، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي مىزان. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان «خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى خىتابنامىسى»دا: بارلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەت، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «ياخشى نىيەتلىك» بولۇشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى بىردەك تەلەپ قىلىنغان. شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، ھالبۇكى ئامېرىكا «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش» ھىيلە - نەيرىڭىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ۋە ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى چەكلەشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، خەلقئارا قانۇن نەزەرىيەسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، خەلقئارا تەرتىپنى ئېغىر زەھەرلىدى، تەرەققىيات مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئاخىرىدا ھامان ھەققانىيەت سوتىغا تارتىلىدۇ. يوللۇق ئىشنى قوللايدىغانلار كۆپ بولىدۇ، يولسىزلىق قىلغانلار يېتىم قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، جۇڭگونى توسۇپ بېسىشى، بۇ پەقەت ئۇنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشىنى، ئىنسانىي ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە ۋىجداننىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ! (ئاپتورى: شۈ گۇيشياڭ، شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى) («نۇر گېزىتى»نىڭ 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)
يەنە >>سۈرەتلەر