باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئامېرىكا شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ خەلقئارا
قانۇنغا ئوچۇق - ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2020-07-07   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
− مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى جالالنى زىيارەت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ دەننى، ماھمۇد فۇللى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىغا قارىتا، مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇھەممەد نيۇۋمان جالال يېقىندا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: بۇنداق قىلمىش خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئوچۇق- ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق جالال مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى دۆلەت مەجلىسى بولسۇن، بىردەك باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قارىتا قانۇن لايىھەسى ئىمزالاش ھوقۇقى يوق. قانۇن لايىھەسى ئىمزالانغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار، دىن ساھەسىدىكى زاتلار قاتارلىقلار چەكسىز غەزەپلىنىپ، كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى، جالال بۇنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھەممىسىدە پاكىت ئېنىق بولماسلىق، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت. «مەن شىنجاڭغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە بارغان، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىقى 2014 - يىلى بولۇپ، مەن ئۇ يەردىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.» جالالنىڭ خاتىرىسىدە، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، ماددىي بايلىقى مول بولۇپ، شەھەر كوچىلىرى پاكىز، رەتلىك، چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدىن مېۋە - چېۋىنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىپ تۇرىدۇ. جالالنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىم ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، دىن قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ھېس قىلغان. «ھەرقايسى مەسچىتلەردە، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھالدا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى ئۇ. ئۇ مۇنداق قارىدى: قانۇن ئالدىدا ھېچكىم ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمايدۇ، ھەر قانداق كىشى دىن نامى بىلەن قانۇنسىز پائالىيەت ياكى تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جالال ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللار ئىلگىرى ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىمۇ ئەيىبلىگەن، ئۇ ئەينى چاغدا ماقالە يېزىپ، ئامېرىكىنىڭ مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، دەپ تەنقىدلىگەن. «شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ئامېرىكىنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن تەكەببۇر پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈردى» دېدى جالال. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جالال يەنە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئادىل بولمىغان خەۋەرلىرىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ پاكىتلىرىنى دائىم ئويدۇرۇپ چىقىرىشى ياكى بۇرمىلىشى جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈندۇر. «ئۇلار ھەمىشە جۇڭگوغا قارشى تەشكىلاتلاردىن بىر تەرەپلىمە، ئوبيېكتىپ بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر ھەمدە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى پاكىتقا كۆز يۇمغان قانۇن لايىھەسى ۋە خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. «جۇڭگو قەدىمىي مەدەنىي ۋە چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە دۆلەت، خەلقى قىزغىن، دوستانە، ئىشىنىمەنكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى جۇڭگودا ناھايىتى ياخشى قوغدالدى» دېدى جالال. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر