باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-07-05   مەنبەسى:خەلق تورى

جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى 3-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى ۋە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە ماسلىشىپ، »دوستلۇق، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق« ئاساسىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دىنىي ساھەدىكىلەر تىنچلىق كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالدى.

يەنە >>سۈرەتلەر