باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلارنى يوقلىدى، ھال سورىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2019-06-10   مەنبەسى:تىيانشان تورى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى روزا ھېيت. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ۋاڭ جۈنجېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ما شۇشىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەخمىتۇللا، سانجى شەھىرىدىكى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى كوۋ جىنفا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نيەنزىگوۋ يولى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى بەي شېڭفۇ، بىڭتۇەن 12-شىسى 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تۇڭشياڭدۇڭ مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى چېن يۈن، سانجى شەھىرىنىڭ يۈشۇگۇ بازىرىدىكى خۇاڭبەنچۈ مەسچىتىنىڭ ئىمامى قابى قاپاس، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرىدىكى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ياڭ جيې، خوتەن شەھىرىدىكى جامە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار ھەمدە مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقلىرىدىن جۈمە تاھىر، ھاجى ئەكبەر، داۋكىش دۈزبايلارنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ياكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاش، ھال سوراشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇلارغا بايراملىق سەمىمىي بەخت تىلىدى.

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىنىي ساھەدىكى كەڭ زاتلار ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي بىلىملىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقى، دەۋر تەرەققىياتى، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات- ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قوغداپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ئۇرۇق-تۇغقىنى، دوستى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، بىز چىن قەلبىمىزدىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رولىمىزنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد قىلىش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشقا پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىمىز.
يەنە >>سۈرەتلەر