باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يوۋ چۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-10-15   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

10-ئاينىڭ11-كۈنىدىن13-كۈنىگىچە،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يوۋ چۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  يوۋ چۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە خوتەن شەھىرىدە، دىن شۆيۈەنى ۋە مەسچىتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈستىدە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالاقىدار پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. يوۋ چۈەن شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە   قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئۇ دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ «تەپسىر قىلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچىلاشقان دىنىي پەن ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، مەسچىت- ئىبادەتخانىلارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇشقا يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، يوۋ چۈەن يېزا- كەنت، كارخانا ۋە يەسلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، سارقىت ئاقان، جەرۇللا ھېسامىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر