باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-10-15   مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 12-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭەش سۆھبەت يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورتاق تىل يېزىق دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تۈگۈن ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىل يېزىق خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق تىل يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنىڭ خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەر ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتىكى زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تونۇشتىكى خاتالىقلارنى تۈگىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك مەدەت بېرىش كېرەك. ۋاڭ ياڭ قىسمەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ كۆچمە ۋەزىپە ئادا قىلىش سەھنىسىدە پىكىر بېرىش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى توردىن يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

15ئەزا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئۇسۇل يوللىرى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى، سىياسەت قائىدە قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر تەكلىپ بەردى، كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بېرى بىر يۈرۈش سىياسەت ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى، دۆلىتىمىزنىڭ تىل يېزىق ئىشلىرى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلدى، چېگرىدىكى ۋە چەت يىراقتىكى مىللىي رايونلاردا ئورتاق تىلنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئەمما شەھەر يېزىلار ئارىسىدا ئومۇملىشىش دەرىجىسى تەڭپۇڭ بولماسلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە قوللىنىش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر مەنزىل يىراق.

بەزى ئەزالار «دۆلەت ئورتاق تىل يېزىق قانۇنى»غا مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل يېزىقىنى ئالدى بىلەن ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
يەنە >>سۈرەتلەر