باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزدى
چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزى قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-08-27   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
   قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون 2018-يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. 

    سۈرەتتە: ئارتىسلار «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق قۇربان ھېيتلىق چېيى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو قىزغىن تەبرىك سۆزى قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.

گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالدى، ئىتتىپاقلىق رىشتى چوڭقۇرلاشتى. شىنجاڭ مەرھابا مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن مەركىزى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  چايدىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا بەخت تىلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن چايغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈردى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام راۋاجلاندى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇختا تەرەققىي قىلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكى ۋە يول كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپالىق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، قەتئىي بوشاشماسلىقىمىز، داۋاملىق غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، باشتىن- ئاخىر يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلىنىشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ساپ دىل بولۇش، ئىچى- تېشى بىردەك بولۇش، سۆز- ھەرىكىتى بىردەك بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا باش نىشان ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، سەۋىيەسى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلايلى، مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى نەيىم ياسىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوندىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۈرۈمچىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار چايغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى؛ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى، پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى چايغا قاتناشتى.

چايدا ھەر مىللەت ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
 
يەنە >>سۈرەتلەر