باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-07-13   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

   جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ‹‹بېيجىڭ خىتابنامىسى››، ‹‹مۇنبەرنىڭ 2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە بولغان ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىش پىلانى›› ۋە ‹‹جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىپ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ھەرىكەت خىتابنامىسى››دىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نەتىجىلىك ھۆججەت ماقۇللاندى ھەم ئىمزالاندى.

   بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىسى ناھايىتى مول بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، يىغىن جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

   بۇ قېتىمقى مۇنبەر يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قوشۇلدى. ‹‹بېيجىڭ خىتابنامىسى››دا جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى نۇقتىلىق شەرھلىنىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   كۇۋەيتنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئارانۇ ساباخ مۇنداق قارىدى: ‹‹بېيجىڭ خىتابنامىسى›› جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى ئىلمىي شەرھلىدى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، كەڭ قورساقلىق بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   قاتار ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خالىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە بولۇپ، ئاساسى پۇختا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى قويۇق. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ھەمكارلىقى ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

   سۇدان راشىد ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى خالىد دىلار مۇنداق قارىدى: ھەمكارلىق مۇنبىرى ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، يوشۇرۇن كۈچى زور، شۇنداقلا بۇ رامكا ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

   ‹‹ئىجرا قىلىش پىلانى››دا ئىقتىساد، سودا، سانائەت، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق 20 گە يېقىن ساھە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى لايىھە، يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ‹‹ھەرىكەت خىتابنامىسى››دە جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش زور ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: كونكرېت ھەرىكەت پىلانى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ ئېنىق، سىستېمىلىق ۋە مۇكەممەل پىلانىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زايىد داشۆسى ئىسلام دۇنياسى تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى ناسىر مۇنداق دېدى: بۇ زور پىلان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سىياسىي، مەدەنىيەت، تېخنىكا قاتارلىق قاتلاملاردىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

   مىسىر مىسىر – جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دىيار فىجى مۇنداق دېدى: نەتىجىلىك ھۆججەتلەردە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەن – تېخنىكا قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى كونكرېت ھەمكارلىقىنىڭ يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىلىپ، ھازىر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كەلگۈسى تېخىمۇ كۆپ نەزەرگە ئېلىنغان. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ھەمكارلىقىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى تېزدىن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ھەربىر ئەمەلىي ھەمكارلىق تۈرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

   ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن زات مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىنىڭ ياردىمىدە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى داۋامىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئارانۇ ساباخ مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول، تاشقى بازارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە ھەم تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا موھتاج، بۇ جەھەتتە، ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ نىشانى بىر – بىرىگە ماس كېلىدۇ ۋە بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ، ماس تەرەققىي قىلىدۇ. سۇداننىڭ مۇھىت – دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سەئىد مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹رايون ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك››، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.

   ئالجىرىيەلىك ئىقتىسادشۇناس فارىس مەسدۇد مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ھەمكارلىشىپ قۇرغان سانائەت رايونلىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سانائەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىمپورتقا تايىنىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

   لىۋاننىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، ‹‹ئەرەب نەزەرىدىكى جۇڭگو›› تور پونكىتىنىڭ مەسئۇلى مەھمۇد لايا مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىلىك ھۆججەتلىرىدە كۆپ ساھەدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم ھەم ئىستىقباللىق تۈرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ناۋادا بۇ تۈرلەر ئىشقا ئاشسا، ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ ھەم ئىككى تەرەپكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: نيې يۈنپېڭ، خۇاڭ لىڭ، ما يىچۇڭ، سۇ شياۋپو، جېڭ كەيلۈن، ياڭ يۈەنيۇڭ، لى لياڭيۇڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر