باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-07-13   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. (مۇخبىرلار ۋاڭ جولۈن، جاۋ شيۇجى) جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ‹‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

   چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا يىغىن رەسمىي باشلاندى. قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم كۈنسېرى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولۇۋاتىدۇ. قەدىمىي يىپەك يولىدا ‹‹سودا كېمىلىرىنى ماڭدۇرۇشتۇق، سودىگەرلەر، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتۇق››، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدۇق، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدۇق، ھەرقايسىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بىر – بىرىمىزنى قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتۇق. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى باشتىن – ئاخىر ئۆزئارا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ھەمراھلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردۇر.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە پائال قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. تارىختا يىپەك يولى مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى ۋە ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەب دۆلەتلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› كېسىشكەن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىكى تەبىئىي ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھتۇر. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى رايون ئەمەلىيىتى بىلەن، كوللېكتىپ ھەرىكەتنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى بىلەن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىنچلىقنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، رايون ۋە دۇنيا خەلقىگە بەخت ياراتتۇق. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە ھەرىكەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئادالەت، ھەققانىيەتنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.

   بىرىنچى، ئىستراتېگىيەدە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو ‹‹كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تۈر پىلانى››نى تەسىس قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   ئىككىنچى، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىمىزنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى چەمبەرچاس زىچ باغلىشىمىز كېرەك. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹باشلامچى››نى چىڭ تۇتۇپ، نېفىت – تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ‹‹قوش چاق››نىڭ ئايلىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ‹‹قوش قانات›› ئارقىلىق پەرۋاز قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ‹‹جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى بانكا بىرلەشمە گەۋدىسى››نى تەسىس قىلىدۇ.

   ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە، دەرۋازىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل 11 – ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

   تۆتىنچى، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. تىنچلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىققا ھۆرمەت قىلىش، ھەقىقىي بىلىمگە ئىنتىلىش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشىمىز، تور مەدەنىيلىكىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى جاكارلىدى ھەم جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئاخبارات ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوخشاشلا خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچ، بىز تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىغا سەمىمىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش يېڭى يولىدا مېڭىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆپ خىللىقى بۇ رايوننىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىكى پەرققە ۋە ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنى تۈزەيدىغان ئاچقۇچ، ھەرقايسى تەرەپلەر باشتىن – ئاخىر قەلبىگە ھەمكارلىقنى پۈكۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرگە خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىپ، پەلەستىنگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم جۇڭگونىڭ ‹‹ئىككى دۆلەت لايىھەسى›› ۋە ‹‹ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى››نى قوللاش ئاساسىدا، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

   شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، مۇنبەر قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىش، يېڭى نەتىجە قازىنىش كېرەك. ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىق شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىز يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئەرەب مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مەنپەئىتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى! (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

   كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ، يىغىننىڭ ئەرەب تەرەپ رەئىسى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەئىر، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گەيت ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئەرەب دۆلەتلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا كوللېكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ ھەم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ‹‹ب د ت نىزامنامىسى››نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلاپ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك ھەمراھ، دەپ قارايدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە، ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرەب دۆلەتلىرى – جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۇۋەيت ئەمىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش›› باش تېما قىلىندى. جۇڭگونىڭ ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 300گە يېقىن كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر