باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-04-08   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاپرېل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 8000 خەت، مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن باشقا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي سىياسىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنىڭ قانۇن كاپالىتى، دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، دىنلار مۇناسىۋىتى ئىجابىي، ساغلام بولۇش قاتارلىق بەش قىسىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگودا ئاساسلىقى بۇددا دىنى، داۋجياۋ (تويىن) دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى قاتارلىق دىنلار بار ئىكەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرا 200 مىليونغا يېقىن ئىكەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو دىنلارنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ۋە دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدىغان، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. جۇڭگو ئاۋۋالقىدەكلا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر