ئەزا ياڭ فامىڭ تۈنۈگۈن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تارىخىغا ئومۇميۈزلۈك نەزەر سېلىش كېرەك، ھەرقانداق دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى شۇ دۆلەتكە، شۇ جەمئىيەتكە ماس كەلگەن بولۇشى، شۇ مەدەنىيەتكە سىڭگەن بولۇشى كېرەك، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، باشتىن-ئاخىرى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تۇپرىقىغا يىلتىز تارتىش، ئۈزلۈكسىز جانلىنىش مۇقەررەر يولىدا ماڭدى.
ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشى ئېلىمىز ئىسلام دىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، يېڭى تارىخى شارائىتتا ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۇختا ئاساسى، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا ئېلىنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ روھى ماكانىنى ئورتاق قوغداش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى ئىدىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلىدۇ: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى، «مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسلىكى»نى مەسچىتلەرگە ئېلىپ كىرىش، دىنىي قائىدە-يوسۇن، دىنىي مەدەنىيەت، دىنىي قۇرۇلۇشلاردا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە پۇراق، جۇڭگوچە قىياپەتنى نامايەن قىلىش كېرەك، ئىسلام دىنى ساھەسى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەنقىدلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى دىننى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ناچار خىلىتلارنى تازىلاپ، قەددىنى رۇسلاپ، تۈپ يىلتىزىدىن تۈزىتىدۇ.
ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى — ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، بارلىق مۇسۇلمانلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى قىلىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشى كېرەك.