باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

2018-يىللىق مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2018-01-10   مەنبەسى:خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى 8-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن يىغىندا دوكلات بەردى. يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى خىزمىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى.

  دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، دىن ئىشلىرى خىزمىتى تارماقلىرى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك دىن ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئېلىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىن ئىشلىرى خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دىن ئىشلىرى خىزمىتى ساھەدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دىن ئىشلىرى خىزمىتى ساھەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىشتەك ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يىغىندا، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى مىللەتلەر، دىن، ۋە مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق 23 ئورۇن «مەملىكەت بويىچە دىن ئىشلىرى خىزمىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى، جاڭ جېنبياۋ قاتارلىق 10 يولداش «مەملىكەت بويىچە دىن ئىشلىرى خىزمىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونى مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز ئورۇنغا تۆھپە يېزىش مۇكاپاتى بېرىش، مېڭ يۇڭجۈن قاتارلىق 11 نەپەر شەخسكە تۆھپە يېزىش مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلدى.

يەنە >>سۈرەتلەر