باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-22   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-نويابىر ئالدىن كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

سالمان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى چوقۇم جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى. سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان سەئۇدى ئەرەبىستان- جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030-يىل ئارزۇسى» بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم ھەمراھىغا ئايلىنىشنى خالايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ، بۇ، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. 

شى جىنپىڭ سالماننىڭ تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا يېپىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قۇرۇلتايدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بېكىتىلىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يۈكسەك نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىشەنچىمىز كامىل.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن «2030-يىل ئارزۇسى» ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتى مېخانىزمى ئارقىلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو- سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە شۇ رايوندىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشتى.
يەنە >>سۈرەتلەر