باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسى خۇلاسە يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ياخشى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق ئىسلام دىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش 88- قارارلىق كۇرسىنىڭ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ھەم تەربىيەلەش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قوغداش، يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئېجىللىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەرگە قويغان تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، دىن ساۋاتلىرىنى كۆپرەك ئىگىلىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا يولنى قەتئىي ساقلاپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا شۇ توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يەنە >>سۈرەتلەر