باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەككەدىكى ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ دۆلەتكە قايتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-22   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،رىياد، 9–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ بو) :جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان 20-چېسلا 269 نەپەر جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە خەلقئارا ئايروپورتىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچتى. بۇ كەمگىچە، مەككەدىكى بۇ يىللىق ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان 12 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ دۆلەتكە قايتىپ بولدى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گې شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، ئىدىيە جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەييارلىق تولۇق، ماسلىشىش كۈچلۈك بولغاچقا، مەسىلىلەرنى جايىدا بىرتەرەپ قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاشقا، بۇ يىل دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ھەج ئىبادىتى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق بولدى، ھېچقانداق چوڭ ۋەقە ۋە مەسىلە كۆرۈلمىدى، 45 گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىققا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاقابىل تۇرۇلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ھەج قىلغۇچىلىرى ھۆددىگە ئالغان 39 ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن دۆلىتىمىزگە قايتتى.

ھەج ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق بەش چوڭ پەرزىنىڭ بىرى. شەرىئەتتە شارائىتى يار بەرگەن مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم مەككەگە بېرىپ ھەج قىلىشى بەلگىلەنگەن.

بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن مەككەگە كېلىپ ھەج قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 350 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 490 مىڭ ئادەم ئاشقان ھەم 2012-يىلدىن بۇيانقى ھەج قىلغان  ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتىنى ياراتقان.

(ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر