باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-18   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى 9- ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئالاقىدار تەتقىقات توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىدە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەتبىقلىنىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭى ۋە نەزەر دائىرىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىن شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي تەرەققىياتىغا دائىرە بەلگىلىنىپ ۋە شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي تەرەققىياتى تەتقىق قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلىگە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىلدى ھەم ئېنىق قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈلدى: شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەتنىڭ بۈيۈك بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتى ئېلىمىزنىڭ چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە خاس ئەۋزەللىك؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن تومۇرداش، تەقدىرداش ئائىلە ئەزالىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولۇشى، گۈللىنىشىدىكى تارىخىي تەجرىبە. بۇ ئاساسىي نۇقتىئىينەزەرلەر شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى، بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم پىرىنسىپقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى مۇھىم تەپەككۇر يولىغا ئىگە قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەشتەك مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تۈپ پىرىنسىپىدا قەتئىي بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى مەقسەت ۋە مەۋقە قىلىشتا ئېغىشماسلىق، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئېنىق پوزىتسىيەسىدە مۈجمەل بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈپتىن ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى خاتا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىدىيە ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، زىيالىيلار ۋە دىنىي زاتلارنى كۈچەپ تەربىيەلەپ، ئاممىغا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ، ئىدىيەۋى تەربىيەنىڭ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تارماقلار پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، پائال زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى توغرىلاپ، ۋەزىپە، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. جايلار يىغىن خاتىرىسىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش، تونۇش، قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى بىر قاتار تۈپ كۆز قاراشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

جاڭ چۈنشيەن، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، ياڭ جىڭ، گو شېڭكۈن يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىندا سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار،ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر