باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى يېڭى تۈزىتىلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12   مەنبەسى:دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تورى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن ئەھلى يېڭى تۈزىتىلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، دىنىي جەمئىيەتلەردە تۇرۇشلۇق مەسئۇللار، باش كاتىپلار  ۋە جۇڭخۇا خىرىستىيان ياشلار جەمئىيىتى، خىرىستىيان ئايال ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەسئۇللىرى بۇ يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقى چېن زۇڭرۇڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەھكىمىلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۆ چېڭ ھەزرەت رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۆ چېڭ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنىنىڭ رەئىسى لى گۇاڭفۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فاڭ شىنياۋ، جۇڭگو خرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گاۋ فېڭ، جۇڭخۇا خىرىستىيان ياشلار مەملىكەتلىك جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇ خەنچياۋ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: «نىزام» ئىلمىي ۋە دېموكراتىك قانۇن تۇرغۇزۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا تۈزىتىلگەن، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ ساداسىغا دىققەت قىلىنغان ۋە ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن؛ ئۇ دىنىي قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، دىنىي ساھەدىكىلەر بىردەك ئۈمىد قىلغان چوڭ ئىشتۇر. يېڭى تۈزىتىلگەن «نىزام»دە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى تولۇق سىڭدۈرۈلگەن،  دىنىي ساھەدىكى يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋاللار، دىنى خىزمەتكە چېتىلىدىغان مۇھىم ھالقىلار ۋە دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تۈزىتىش، تولۇقلاش كىرگۈزۈلگەن، تېخىمۇ كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە ئىجرائاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، دىنىي خىزمەتلەرنىڭ يەنىمۇ قانۇنلىشىشىغا ياخشى ئاساس سالدى. كۆپچىلىك يەنە مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «نىزام»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ھەم قوللاپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنى «نىزام»نى ئۆگىنىشكە ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئاكتىپ تەشكىللەپ، دىنىي زاتلار ۋە  ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز؛ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.

ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: ”«نىزام»نىڭ تۈزىتىلىپ ئېلان قىلىنىشى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ستراتېگىيەسىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە دىنىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ دىن خىزمىتىدىكى كاتتا تەدبىرىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. نىزامنىڭ تۈزىتىلىشى دىن خىزمىتىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، دىنلارنى قانۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر“. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ”يېڭى «نىزام» دىنىي ساھەدىكىلەر ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەم ئىنكاس قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئۇ  پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە دىنىي ساھەنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ساغلام راۋاجلىنىشىغا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاپ بەردى“. ئۇ مۇنداق دېدى: ”مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولۇش روھى بىلەن «نىزام»نى تۈزىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ بېرىپ، «نىزام»دە تۈزىتىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان نۇرغۇن پىكىرلەرنى بەردى، يەنى يېڭى «نىزام»گە دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل-پاراسىتى سىڭدى“.

ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تۈزىتىلگەن «نىزام»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، «نىزام» نى كۆپ تەرەپ، كۆپ نۇقتىدىن ئۆگىنىشى ۋە داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىشى، «نىزام»دە دىنىي تەشكىلاتلارغا بېرىلگەن ۋەزىپىنى ھەقىقىي ئورۇنلىشى،  «نىزام»نىڭ تەلىپى بويىچە  دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دىنىي خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم.

 (دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى سىياسىي قانۇن مەھكىمىسى خەۋىرى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر