باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى››نى ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08   مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ،9–ئاينىڭ7–كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹دىن ئىشلىرى نىزامى››نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ) ئېلان قىلدى، 2018–يىلى 2–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. 2005–يىلى يولغا قويۇلغان ‹‹نىزام›› پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دىن ساھەسىدە بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە كۆرۈلۈپ، ‹‹نىزام››غا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلدى.

 ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلىتىمىز دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر پەللە يۈكسەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ‹‹نىزام››دا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ دىن ساھەسى قانۇن بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى خەير–ساخاۋەت ئىشلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ؛ دىنىي خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار؛ دىنىي مەكتەپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قانۇنىي ئىگىنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي مەكتەپلەر، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئالاقىدار مال–مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن.

 ‹‹نىزام››دا دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار، باشقا–باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆزئارا بىر–بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك؛ دىنلار مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ؛ ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىنلار ئوتتۇرىسىدا، شۇ دىننىڭ ئىچكى قىسمىدا، شۇنىڭدەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

 ‹‹نىزام››دا دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دىن ئىشلىرىدا ‹‹قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش›› پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دىنىي مال–مۈلۈكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن، ئالاقە تورىدا دىن ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قېلىپلاشتۇرۇلغان. ‹‹نىزام››دا يەنە ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

يەنە >>سۈرەتلەر