باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-09-04   مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن چايغا قاتناشتى

چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزى قىلدى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى

نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن–تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە ۋە قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون 8–ئاينىڭ 31–كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيتنى بىرلىكتە قۇتلۇقلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن چايغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە قوللاۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا گۈزەل تىلەك تىلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر ۋە خەلققە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چاينىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى قاپلىدى، ئىتتىپاقلىق رىشتى چوڭقۇرلاشتى. شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن زالى مەركىزى پۈتۈنلەي قويۇق ھېيت كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. چاي باشلىنىشتىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا بەخت تىلەشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى.

 چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ھەم تۈپ قىبلىنەما ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردەم بېرىپ، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىز بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز ۋە قەتئىي بوشاشماستىن يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىشمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ۋە دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات–مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق–ئىتتىپاق، باي–قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار چايغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايون (مەركەز)گە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى، پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا قەھرىمان–نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى چايغا قاتناشتى.

 ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرى چايدا ئېسىل ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.
يەنە >>سۈرەتلەر