باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

بۇ يىللىق ھەجگە قاتنىشىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-08-02   

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ7-ئاينىڭ 30-كۈنى رىياددىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مۇخبىر ۋاڭ بو): يۈننەنلىك 284 نەپەر ھاجى ئولتۇرغان مەخسۇس ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلان 30-چېسلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يىللىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئالدىنقى مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ كەلگەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈچىنچى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، باش ئۆمەك مەسلىھەتچىسى ما جىن ھەج ئۆمەكتىكى خىزمەتچى-خادىملارنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى.

ئادىل ھاجى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 12 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، يىنچۈەن، شىنىڭ ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن مەدىنەگە بارىدۇ. ئۇلار مەدىنەدە 5 كۈن توختاپ، زىيارەت پائالىيىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككەگە بارىدۇ، ئۇ يەردە پەرز ھەجنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

ئادىل ھاجىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق ھەج خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 60 تىن ئارتۇق خىزمەتچى-خادىم ئاجرىتىپ، ھەج قىلغۇچى ئامما ئۈچۈن دىنىي يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش، بىخەتەرلىك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىكى مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامان، تەرتىپلىك، مەدەنىي ھالدا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ.

ھەج ـ ئىسلام دىنىنىڭ بەش چوڭ پەرزىنىڭ بىرى. ئىسلام دىنىدا، ھەربىر ئىقتىسادىي ۋە تەن سالامەتلىكى يار بەرگەن، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەككەگە بېرىپ ھەج قىلىشى بەلگىلىگەن. بۇ يىللىق ھەج مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(ئىلياس ئىسلامبەك تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر