باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

«شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا يەشمە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-06-30   مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى رېن خۇڭ

 دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم مۇھىم ئىپادىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

«شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قانۇن جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرگەنلىكى شەرھلەنگەن. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېتىراپ قىلىنغان. گوۋۇيۈەن 2004- يىلى ئېلان قىلغان «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە شىنجاڭ 2014- يىلى چىقارغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»دا، «پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ»، دەپ ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى نامايان قىلغان. دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىقنى پۇقرالار پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق سەۋەبلىك كەمسىتىلمىدى ياكى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىمىدى.

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۈپ دۆلەت سىياسىتى. ئاساسىي قانۇندا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ياكى ئۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىش پۈتۈنلەي پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇردى، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى ھۆرمەت قىلدى ۋە قوغدىدى، ھەم باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇردى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بۇلار تولۇق شەرھلەندى. شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش بىلەن بىللە، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى توغرا ئىگىلەشتىكى قانۇنلۇق يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز، پائال، پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتتى. شىنجاڭدا رامىزان ئېيى مەزگىلىدە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ روزا تۇتۇش ياكى روزا تۇتماسلىقى پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىشى بولۇپ، ئىختىيارىي قارار قىلىدۇ، دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرىمايدۇ، ئالاقىدار تارماقلار يەنە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، رامىزان ئېيى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىقتىكى «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق كىلاسسىك دىنىي كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، «يېڭىدىن تۈزۈلگەن ۋەز- تەبلىغ توپلىمى» يۈرۈشلۈك كىتابلىرى ۋە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىرلەپ تارقىتىلدى. 2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، شىنجاڭدا مىللىي تىل- يېزىقىدىكى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك نەشر بۇيۇملىرىدىن 43 تۈردە 1 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» 230 مىڭدىن ئارتۇق، «ئىسلام دىنى ئاساسىي بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى» 29 مىڭدىن ئارتۇق تارقىتىلدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تور بېكىتى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى تور بېتى تەسىس قىلدى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل يېزىقتىكى ژۇرنالنى تەسىس قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي خادىملارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىل- يېزىقتىكى شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورىنى قۇردى، دىنىي تەشكىلاتلار يەنە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۈچۈن دىنىي بىلىم، قائىدە- يوسۇن كۇرسى ئېچىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش ئارزۇسىنى قاندۇردى.

دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىدەك ئوبيېكتىپ ئەھۋاللار ئەينەن بايان قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ ۋە قوللاپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈشىگە ئائىت تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، زاپاس دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈشىگە مەدەت بەردى ۋە قوللىدى. تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن- نىزام ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دىنغا ئائىت قانۇن- نىزاملىرى، ئاساسىي قاراش ۋە ئاساسىي سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭدىن سىرت، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە دىنىي خادىملارنى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ، ساپاسىنى ئۆستۈردى. ھۆكۈمەت 2014- يىلى 258 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى كېڭەيتتى، 2017- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى 280 كىشىدىن تەدرىجىي ھالدا 1000 كىشىگە يەتتى. مەسچىتلەرنىڭ جامائەت مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىنىي زاتلارنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ. شىنجاڭ دىنىي جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر، دوستانە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، سىرتقى دىنىي ئالاقىنى پائال قانات يايدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى ۋەكىللەر خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشتى، دىنىي خادىملار ۋە دىنىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرئان كەرىم» قىرائەت مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2001- يىلىدىن بۇيان، ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دىنىي خادىملاردىن 70 نەچچىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مىسىر، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى، ھۆكۈمەت چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن كۆپ قېتىم ھال سورىدى ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلدى. دىنىي زاتلار قاتناشقان زىيارەت ئۆمەكلىرى چەت ئەللەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، ئالماشتۇرۇشقا كۆپ قېتىم تەشكىللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق كۈچەيتىلدى.

دىنىي ئەسەبىيزم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە. شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى قانۇن بويىچە توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈندۇر. «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە ئالداپ، باشقىلارنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھەدەپ پەيدا قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى. نۇرغۇنلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزدى. شىنجاڭنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي ھەرىكەت، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىنىي ئەسەبىيزمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىش، يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ھەقىقىي قوغدالدى.

يەنە >>سۈرەتلەر