باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يۈ جېڭشېڭ نىڭشيادا خىزمەت تەكشۈردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-05-17   

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى نۇقتىئىنەزەرى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنىي ئىناقلىقنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. يۈ جېڭشېڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىنىي خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي ساھەدىكى ئەربابلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. ئېلىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئېيتقان بايانلىرىنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىنىي خىزمەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكلەش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارىشى تۇرۇش، دىنىي ئىناقلىق، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توردىكى مىللەت، دىنغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان مىللەت، دىنىي سىياسەت ساداسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تور سۇپىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردىكى قىزىق نۇقتىلىق جامائەت پىكىرى مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تور جامائەت پىكىرىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

)مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(

 

يەنە >>سۈرەتلەر