باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-28   

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› سۆھبەت يىغىنىدىن خاتىرە

مېھرىگۈل غوپۇر

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار 4– ئاينىڭ 17– كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر دىنىي بىلىمى ئارقىلىق تۈپتىن ياخشىلاپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يامان كەيپىياتنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىنى ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، دۇرۇس ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا چاقىردى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابلىكىم ئابدۇناسىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقراسى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ھەم مەجبۇرىيىتىمىز بار. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەۋاتىدۇ، بىگۇناھ ئاممىغا خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، زامانغا لايىق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ، بىز بۇنداق يولسىزلىقلارغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

ئابلىكىم ئابدۇناسىر مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، قەيسەر، كەسكىن بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل نىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر پاش قىلىشى كېرەك. دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى ئىجتىمائىي ئىناقلىققا، دەۋر تەرەققىياتىغا، ساغلاملىق ۋە مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىگە ئاساسلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەبى ساۋۇت بۇ يىل 21 ياشقا كىرىپتۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىنستىتۇتتا ئوقۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولۇپتۇ. ئۇ سۆھبەت يىغىنىدا دىن ساھەسىدىكى ئۇستازلارنىڭ سەمىمىي تەربىيەسىنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىنلا شىنجاڭدا ياشاپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم. بىز ئوخشاش مۇھىتتا ياشاپ، قول تۇتۇشۇپ جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، گۈزەل يۇرتىمىزنىڭ تېخىمۇ تىنچ، ئىناق بولۇشى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتىمىز. ھازىر دۆلەت گۈللىنىپ قۇدرەت تاپتى، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، چېگرا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بۇ نەتىجىلەر ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن.

نەبى ساۋۇت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، شۇڭا مەنمۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، بۇ يەردە مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىم بار، يامان غەرەزلىك كىشىلەر بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىتتىپاق، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى خام خىيال قىلمىسۇن، ھېچكىم بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مالىن مۇنداق دېدى: پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغاندىلا، تۈرلۈك ئىشلار روناق تاپىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ. دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئامما ئارىسىدا بەلگىلىك ئىناۋىتى بار، ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئامما بىلەن باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. ئۆزىمىزگە بولغان تەلەپنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، ‹‹سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىن جەھەتتە بىلىملىك، ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بار، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئامما قايىل بولىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان بولۇش››نى ئۆزىمىزگە قويغان تەلەپ ۋە تىرىشىش نىشانىمىز قىلىپ، دىنىي بىلىم سەۋىيەمىز ۋە ۋەز ئېيتىش، تەبلىغ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قامداپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، دۇرۇس ئېتىقاد، توغرا يولنى پائال تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسىدىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات لۇتپۇللا تۇرسۇن مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ خىرىسى ئالدىدا، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، دىندىكى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، كەڭ قورساقلىق، ئوتتۇرا يول، ياخشى ئىش قىلىش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىم – مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ۋەز ئېيتىش، تەبلىغ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىنى دۇرۇس ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى)

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر