باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغدايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-04-28   

 ئاپتونوم رايون ئاچقان دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىغا تەشەببۇسنامە چىقاردى

 

  مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر 4– ئاينىڭ 17– كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار، ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، كۆپچىلىكنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇش، ھەر خىل شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

   تەشەببۇسنامىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋەتەننى، خەلقنى، دىننى قىزغىن سۆيۈش ئېلىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىن ساھەسىدىكىلەر دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇردى.

 ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە نورمال دىنىي ئېھتىياجى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ھەمدە ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، ئىناقلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات قەدىمى يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى.

 تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىن ساھەسىدىكى زاتلار دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۆلەت مەنپەئىتى، خەلق مەنپەئىتى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدىلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ھەم ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى، قۇدرەت تېپىشىغا پائال تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك ئىش – ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش، كەمتەر، ئېھتىياتچان، كەڭ قورساق بولۇش گۈزەل پەزىلىتىنى قەدىرلەپ، شەرەپ – نومۇسنى بىلىش، توغرا، ساغلام كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دەۋر يېڭى روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى جازالاشتا قوللانغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلىرىنى بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پائال ھەرىكەتلىنىپ، ئىلمىي تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ رەزىل، قەبىھ ماھىيىتىنى تەنقىدلەپ، دىن نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئامما قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇستەھكەم ئىرادىسى، ھەققانىيەت ساداسى، قەتئىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى خەلق جېڭىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى)

يەنە >>سۈرەتلەر