باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ۋەتەننى ئانىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-03-02   

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا: ۋەتەننى ئانىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى

 

مېھرىگۈل غوپۇر

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا 1–ئاينىڭ 23–كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى تىلغا ئېلىپ: ھەر بىر كىشىنىڭ ۋەتىنى بار، بىز ۋەتىنىمىزنى ئۆز ئانىمىزدەك كۆرسەك، بۇ ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ھېسابلىنىدۇ. بىز ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئانا باغرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايمىز، بۇنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق ھېسسىيات باسالمايدۇ. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ كەلدى. جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ۋە بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدالدى. مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن، دېدى.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز 1962–يىلى پىچان ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتتە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى پىچان ناھىيەسىدىكى تېرىقچىلىق ماھىرى بولغاچقا، كۆپچىلىك دائىم ئۇنىڭ ئاتىسىدىن تېرىقچىلىق بىلىملىرىدىن تەلىم ئالاتتى، باردى–كەلدى قويۇقلاشقانسېرى ئۇلار دوستلارغا ئايلانغان. كەلگەنلەر كۆپ بولغان چاغدا، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ ئاتىسى كۆپچىلىكنى قوي سويۇپ كۈتۈۋالاتتى. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز: مەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شىنجاڭدا چوڭ بولغان باشقا ھەر مىللەت ئاممىغا ئوخشاش ھەر مىللەت ئىناق ئۆتىدىغان، بىر–بىرىگە ياردەم بېرىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولغان، دېدى.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يەنە چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، بىر ئاددىي ئۇيغۇر ياشتىن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دىنىي ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرىغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىنكاس قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىسبەتەن يۇقىرى دىنىي مەلۇماتقا ئىگە دىنىي ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشكە كۈچ چىقارماقتا. ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا: مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت ۋە كاپالەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، دېدى.

 ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش، قانۇن–بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشتا باشلامچى بولۇش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇشتا ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆزقارىشى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ۋەتەننى ئانىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پولاتتەك ئىستىھكام قۇرۇش ئارقىلىق ئانا ۋەتىنىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەرنى ۋەز ئېيتىش ۋە تەفسىر قىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىناقلىقنى قەدىرلەش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز؛ دۆلەتنىڭ قانۇن–بەلگىلىمىلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ رىئايە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا پائال تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، نورمال دىنىي تەرتىپنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك. بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى مەردانىلىك بىلەن توسۇپ، ۋەز ئېيتىش ۋە تەفسىر قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ئىش–ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش جەھەتتىن تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ۋەكىلى سالاھىيىتىدە 2016–يىلى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم نۇتۇق سۆزلىدىم ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم، بۇنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. ھەر قېتىم دىنىي ساھە ئەربابلىرى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار مېنى ئىزدەپ كېلىپ، بۇنداق نۇتۇقنى ناھايىتى ئالقىشلايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەنلىكى، ئۇلارغا ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن چوقۇم قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەكلىكى ھەم دىننى سۆيۈش ئۈچۈن چوقۇم بايان قىلىنغان دىنىي قائىدە–يوسۇن ئىدىيەسىنى ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈگۈنلەرنى يېشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازدى، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم، قەلبىم ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە دەرسلىك كىتابىمنىڭ 1–بېتىدە ئىدى، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلغان پارتىيە ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت يېزىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە غايەت زور رىغبەتلەندۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەرىپى، پەخرى ۋە بەختى بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرىپى، پەخرى ۋە بەختىدۇر. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى يېڭى مەۋسۇمدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق مەزمۇنى قىلىپ، دەرس باشلانغاندا ئۆزۈم دەرس سۆزلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى جاۋاب خەتنىڭ كەينىدىكى ھېكايىدىن خەۋەر تاپقۇزۇشنى، قۇربان تۇلۇم تاغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادتىن–ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان پارتىيە ۋە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. (مەنبە: تەڭرىتاغ تورى؛  ئەسكەرتىش: ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز داموللا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن رەئىسى(

 

يەنە >>سۈرەتلەر