باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا ئىش–ھەرىكەتتە بولىدىغان ئاكتىپ تارقاتقۇچىلاردىن بولايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-02-22   

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا:

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد، توغرا ئىش–ھەرىكەتتە بولىدىغان ئاكتىپ تارقاتقۇچىلاردىن بولايلى

مېھرىگۈل غوپۇر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 1–ئاينىڭ 24–كۈنى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاق مەسچىت ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق مەسچىت بولۇپ، ئادەتتە تەخمىنەن 1300چە كىشى ناماز ئۆتەيدۇ. ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، مەسچىتنىڭ رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئىزچىل زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ناھايىتى ياخشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ، مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما مەسچىتكە ئەركىن كىرىپ ناماز ئۆتىسە بولىدۇ، بۇ ئەزەلدىن چەكلەنمىگەن، تېخىمۇ چەكلەنمەيدۇ.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان، شۇنداقلا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بۇ، ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللانى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن ۋە رىغبەتلەندۈرگەن. ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەزەلدىن دىنىي ساھەدىكى ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان زاتلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ھەر قېتىم دۆلەت رەھبەرلىرى شىنجاڭغا كەلسە، بىزنى يوقلايدۇ. ھەر قېتىم ھېيت–بايرامدا ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى مەسچىتلەرگە، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان زاتلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سوراپ، بىزدەك دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ كەلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىنغا ۋە تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىككى «كىتاب»نى ياخشى ئوقۇشى كېرەك. ئىسلام دىنى ئەزەلدىن تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنى ساۋابلىق ئىش قىلىش، بىلىم ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش روھىنى ئىگىلىشى كېرەك. بىز ئىلمىي تەپسىر قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىقتىسادنى خاتىرجەم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ ئىككى «كىتاب»نى ھەر ۋاقىت، ئۆمۈر بويى ئوقۇشىمىز كېرەك.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيەتتە دىن نامىدا بەزى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، باشقىلاردا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار توغرىسىدا بەزى ئۇقۇشماسلىق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كەسكىن خىرىسقا دۇچار قىلدى. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دەست تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان زوراۋان–تېررورچى كۈچلەرنىڭ ساختا قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: بىز سەييارە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»دە تەشەببۇس قىلىنغان دوستانىلىق، ئىتتىپاقلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىناقلىق مەزمۇنلىرىنى رېئال تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقەددەس كىتابنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، دىن ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. كىشىلەرگە ھاياتلىقنى قەدىرلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئۇقتۇرۇشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قىزغىن ياردەم بېرىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىناق– ئىتتىپاقلىشىپ، كۈندىن–كۈنگە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات يەر ھۆددىگە ئېلىش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، تىرانسپورت، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىقلار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. بىزنىڭ تۈپتىن ياخشىلاش، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق يېتەكلەش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئەمگەك بىلەن بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلىش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، بۈگۈنكى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى بىرلىكتە قەدىرلەش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز، مەجبۇرىيىتىمىز بار.

(مەنبە: تەڭرىتاغ تورى)

يەنە >>سۈرەتلەر