باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يۈ جېڭشېڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2017-01-27   

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 24- يانۋار پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: 2016-يىلى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشى رەسمىي ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. 2016- يىلى، يەنە دىنىي خىزمەتلەردىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دىن خىزمىتىگە دائىر زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار پائال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن تاماملىنىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالمىشىش ئەمەلگە ئېشىپ، دىن خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. دىنىي ساھەدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى لازىم.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. دىنىي تەشكىلاتلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دىنىي مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى جانلاندۇرۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ھەر قايسى تارماقلار دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللىشى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشى، دىنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار دىنىي ئېتىقادچى ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

                                                 (مەنبە: خەلق تورى)

يەنە >>سۈرەتلەر