باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، ئىناقلىقنى قوغداپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-12-06   

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، ئىناقلىقنى قوغداپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنى ۋە پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى 90 نەچچە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال – ئەھۋال سوراشتى. سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، دۇڭشياڭ، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق سەككىز مىللەتتىن بولغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قاتناشتى.

 ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا، داۋكېش تۈزباي، كۇ جىنفا، ئابلىمىت ئەخمەتتوختى، ئوبۇلقاسىم يۈسۈپ، ئەخمەت مەتنىياز، ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز قاتارلىقلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك دىنىي تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىرات سۆزلىدى، تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى تۇغقان، دوست دەپ بىلىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتكە بولغان جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندۇق. بىز جەزمەن ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىمىز.

 چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: دىن خىزمىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى كۆپ، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قوغداش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن بويىچە تەڭشەش كېرەك. مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، مەدەنىيەت قىرائەتخانىسى، سىياسەت ۋە قانۇن – نىزاملارنى مەسچىتلەرگە كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، شارائىتنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەپ، قوغداپ ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، دىن خىزمىتىنى مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت دەپ بىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن ھەقىقىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنى تۇغقان، دوست دەپ بىلىپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان قوغداش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى سىجىل، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلار، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى، تەلىم – تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن، تۆھپىكارلاردىن بولۇشىنى؛ ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە بويسۇنۇشىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىنى؛ بىلىم – سەۋىيەنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، دىنغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەپ، پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئاڭ – سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىنىي بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى تەپسىر قىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىناقلىقنى قەدىرلەش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قەتئىي بوشاشماي قوغدىشىنى؛ قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، نورمال دىنىي تەرتىپنى ئاڭلىق قوغدىشىنى؛ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى يېتەكلەشتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، دىنىي تەلىمات، دىنىي ئەقىدىلەر ئىچىدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە پايدىلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قېزىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، دىننى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىشىنى؛ ئەسەبىيلىكنى چەكلەش جەھەتتىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى مەردانىلىك بىلەن چەكلەپ، تەپسىر قىلىشنى مەردانىلىك بىلەن قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى دۇرۇس ئېتىقاد، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلىشىنى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ياخشى كۆۋرۈك، رىشتە بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ئىسلام دىنى ساھەسدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شىنجاڭ گېزىتى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر