باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-09-13   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن چايغا قاتناشتى.

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو قۇربان ھېيتلىق چايدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن جەم بولۇپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى ۋە ھېيتنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا 10-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىدا 2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەرنى جەم قىلىپ، بايرامنى ئورتاق تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان ھەر ساھەدىكى زاتلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

قىزىق دەملەنگەن چاي، ئورتاق پىكىر ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى. بۇ كۈنى شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزى ئىللىق، شاد - خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

چايدىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا بايراملىق تىلەك تىلەشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، مىسلىسىز دەرىجىدە ئالاھىدە قوللاپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى ئالايىتەن كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلىدى، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ، نېگىزلىك پىرىنسىپ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدۇق. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى بېكىتىلدى، ئەمدىكى ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا قالدى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئالدىدا بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاندىن قەتئىي تەۋرەنمەي، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقى، ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلاپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلارنى تىرىشىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا: «ئاكا - ئۇكىلار ئىتتىپاق ئۆتسە، قوي - كالىلار ھەسسىلەپ كۆپىيەر، ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە، كىيىمىڭ پۈتۈن، قازىنىڭ ماي بولار» دېگەن گەپ بار. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، كۈچ ۋە قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەسقەت كەرىمباي چايغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى مەھكىمە، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى چايغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەھىيە سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ھەم قەھرىمان - نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى چايغا قاتناشتى.

ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى چايدا ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

 

يەنە >>سۈرەتلەر