باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى، نىجات نىياز فوتوسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 20–ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى مەشھۇر دىنىي زاتلار، داڭلىق ئالىم– تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ 100گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى ‹‹ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى›› دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن رېئاللىق، دۇنيانىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئايەت–ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن مۇنداق دېدى: ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئىسلام دىنىنىڭ تەلىپى، مۇسۇلمانلارنىڭ سۆز–ھەرىكىتىنىڭ مىزانى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشى يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە ئايلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىرلىك سەپ قۇرۇشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: خەلقئارادا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى. دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ لاۋىر غەينۇددىن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى دىن ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شايقىن جالىم، قىرغىزىستان باش مۇپتىسى، قىرغىزىستان مۇسۇلمانلار دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى شەيخ توختىمۇش مەقسەتبېك، شۇنىڭدەك تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرى يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ھازىر، دۇنيادا ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن كەسكىن خىرىس بولۇپ قالدى. ئەسەبىيلەر ھەدېسىلا دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتەك ھەقىقىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقا مىللەتلەر، باشقا دىنلار، باشقا مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: رۇسىيە ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ بىلەن چېگراداش، ئوخشاشلا دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتلەر ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى.

   شۆھرەت زاكىر 19–ئىيۇل كەچتە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىك ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر