ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى
مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 21-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى. جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى مەشھۇر زاتلار، داڭلىق ئالىم - تەتقىقاتچىلار شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش روھى ئۈستىدە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئورتاق تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. تەشەببۇسنامىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىز بىردەك ھەمكارلىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلايلى ۋە ئەۋج ئالدۇرايلى، بۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خاتا چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم دەۋر قىممىتىگە ئىگە.
تەشەببۇسنامىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ۋە ئاشقۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ئۇ مۇسۇلمانلار دىنىي ئەمەللەردە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي مىزان. ھازىر ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش ئىسلام دۇنياسى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاساسىي ئېقىم ۋە قىممەتكە ئايلاندى، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىردى. ھازىر ناھايىتى ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى نەزەرگە ئالماي، «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولۇش دەۋرى كۆرۈنۈشىنى ئويلاشماي، «جىھاد»، «ھىجرەت» قاتارلىق ئىسلام دىنى ئىدىيەلىرىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەر سەپسەتىلىرىنى تارقىتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئارىسىدا پىتنە تېرىپ، ئىسلام دىنىدىكى ئاللاغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىگە بويسۇنۇشتەك ئىدىيە تەشەببۇسىنى، دىنىي ئېتىقاد بىلەن كەڭ قورساق بولۇشنى ئايرىۋېتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قارشىلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە زىيان سالدى.
تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېسىل ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىدىكى سۈننىيلەرنىڭ ھەنەفىييە مەزھىپى بىلەن ماتۇرىدى - ئەل ئەشئەرى مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. ھەنەفىييە مەزھىپى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى، ئەقلىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ماتۇرىدى - ئەل ئەشئەرى مەزھىپى ئېتىقاد جەھەتتە ۋەھىي بىلەن ئەقلىيلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى، كەڭ قورساق، مۆتىدىل ۋە دۇرۇس بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئەقلىيلىكنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئورتاق ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ۋە ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان قىممەتلىك بايلىق ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ھەنەفىييە مەزھىپى مۇقەددەس روھقا ئاساسەن ئەقلىيلىك ئارقىلىق ئىجتىھادقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشالمايدىغان ئىدىيە، قاراشلار ئۈستىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئويلىنىپ ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ، مۇقەددەس قاراشلارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق شەرھلەش كېرەك.
تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىي سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى مەنبەداش دەپ قاراپ، ئوخشاشمىغان مىللەت، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ئىلھام بېرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، ئوخشاشمىغان قەۋمنىڭ تىنچ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئالاقە ئورنىتىپ، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى. ھازىر ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممەيلەن بىر - بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن، ئۆزئارا تايىنىپ ياشايدۇ. ئىشىنىمىزكى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ چۈشىنىشكەندە، ئالاقىلەشكەندە ۋە ئۆگەنگەندىلا تەڭ راۋاجلىنىپ، تەڭ گۈللىنىپ، كۆپ مەنبەلىك بولۇش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز ئېتىقادقا چېگرا بەلگىلەشكە، نىزا ۋە زىددىيەت پەيدا قىلىشقا قارشى تۇرىمىز، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى قاتارلىق نامۇۋاپىق گەپ - سۆزلەرگە قارشى تۇرىمىز، خاتا چۈشەنچىنى سۆھبەت ئارقىلىق تۈگىتىشنى، تالاش - تارتىشلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.
تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن - مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئېسىل مائارىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق يولغا ئىنتىلىشى، ئەسەبىيلىكتىن يىراقلىشىشىدىكى ئاچقۇچ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كەڭ قورساقلىق، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىنى تارقىتىشقا تىرىشىپ، ياش بىر ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ناتوغرا ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ، ھەتتا ئەسەبىيلەرنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.