باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەمنى زىيارەت

مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە «ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرايلى» دېگەن باش تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقانىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدە تۇنجى قېتىم ئېچىلغان دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، تەسىرى چوڭ مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا ئىسلام دىنى ئىجابىي چۈشەندۈرۈلۈپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىدىيە، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە رەددىيە بېرىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى ئوبرازى نامايان قىلىندى. يىغىن ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، بىزنىڭ سادايىمىزنى ياڭرىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارادا ئىجابىي تەسىر قوزغىدى.

جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى يەنە «ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى» باش تېمىسىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدى. يىغىنغا جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتتىكى مەشھۇر دىنىي زاتلار، دىن تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىم-تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن بولۇپ 100گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى. يىغىن ئەھلى ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن رېئاللىق، دۇنيانىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئايەت-ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئورتاقلاشتى.

ئوتتۇراھال يول ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىدۇر. ئوتتۇراھال يول دېگەنلىك مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش، رەھىمدىل بولۇش دېگەنلىك، دۇنيانى تونۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى قىممەت يۆنىلىشى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىق مىزانىنىڭ بىرى. ئىسلام دىنى ھەر بىر مۇسۇلماندىن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، پاك بولۇش، كەڭ قورساق، رەھىمدىل بولۇش، ھاياتنى قەدىرلەش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى قىزغىن سۆيۈشى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى كېرەك، بۇ دىنىي ئەقىدىلەردە تەلەپ قىلىنغان، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىن نامىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى بۇرمىلاپ، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنى زوراۋانلىققا قۇترىتىپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. دىن نامىدىن پايدىلانغان بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى باشقىلاردا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر قىسىم خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى پەيدا قىلىپ قويدى، شۇ ۋەجىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ناھايىتى ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يولىدىن چەتنىگەنلەر، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق، بىز ئۇلارنى يار لېۋىدىن قايتىپ كېلىشكە، ئىسلام دىنىنىڭ نۇرلۇق، داغدام ئوتتۇراھال يولىغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىمىز.

ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ۋە ياخشىلىققا ئۈندەش، رەزىللىكنى چەكلەشتەك ئەخلاق قارىشىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ دىننى بۇرمىلاپ ۋە دىندىن پايدىلىنىپ تارقاتقان سەپسەتلىرى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئەمەللەرگە چاقىرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى. بۇ چاقىرىق چوقۇم زور تەسىر قوزغايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىمۇ ئىسلام دىنىنى توغرا تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. «ئىسلام» سۆزى تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق دېگەن مەنىدە بولۇپ، تىنچلىقنى سۆيۈش، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئىسلام دىنىنىڭ جەۋھىرىدۇر.

يەنە >>سۈرەتلەر