باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى بىرلىكتە قوغدايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

رۇسىيە مۇپتىلار كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى روشەن ئابباسوفنى زىيارەت

مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل

رۇسىيەلىك مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. ھەممەيلەنگە ئايان، «يىپەك يولى» جۇڭگودىن باشلىنىپ، ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. تارىختا مۇسۇلمانلار «يىپەك يولى» كېسىپ ئۆتكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ئەتراپلىق ھەم تىرەن بولۇپ، ئىدىيە، سۆز - ھەرىكەت، تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى، دىنىي ئىبادەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىسلام دىنىدىكى ئەقىدىشۇناسلىق، فىقھەشۇناسلىق، تەفسىرچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىملەرگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى گۈزەل ئەمەللەردىن بولۇپ، ئادىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈش، قىممەت ۋە ئەخلاق - پەزىلەتنى نامايان قىلىشتىكى توغرا پىرىنسىپتۇر، ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇھىتتا بىز ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ پاكلىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئىسلام مەدەنىيىتى تارقالغان مۇھىم رايون، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئۆز ئارا باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم ھېسسىيات ۋاسىتىسى. بۇ ئىككى جايدىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىق، توغرا ئېتىقاد، ئىناقلىق، ساۋابلىققا ئۈندەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىپ، ئىسلامنىڭ تىنچ ۋە دوستانە بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ھە دېسىلا دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ھازىر دۇنيادا ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۇنىڭ كەسكىن تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشى يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە ئايلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك. رۇسىيە ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چېگراداش بولۇپ، ئوخشاشلا دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلىنىش ۋە مۇداپىئەلىنىشتە پائال تەدبىر قوللىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتەك ھەقىقىي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشقا مىللەتلەر، باشقا دىنلار، باشقا مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقە ۋە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف»تىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنىڭ مىزانى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلار ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن رېئاللىق، دۇنيانىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئايەت - ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىنچلىق، مېھرىبانلىق روھى، كەڭ قورساقلىق، ئوتتۇراھاللىق توغرا يولنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، سۆھبەتلىشىشتىكى مەدەنىيلىك قارىشى، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشتىكى ئىقتىساد قارىشى ۋە ھەمكارلىشىش، ئىشىنىشتىكى بىخەتەرلىك قارىشىنى نامايان قىلىش جەھەتلەردە ئورتاق تونۇشقا كېلەلەيمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار تەڭ تىرىشقاندىلا، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۇنيا تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

يەنە >>سۈرەتلەر