باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال، توغرا ئېتىقاد يولىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-27   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللانى زىيارەت

مۇخبىرىمىز ئەكبەر ئىسمائىل

ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال، توغرا ئېتىقاد يولىدا مېڭىشنى، ئىش قىلغاندا بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ئېغىپ كەتمەسلىك ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىدۇر. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش پىرىنسىپىنى چوقۇم دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر.

ئىسلام دىنىدا ئوتتۇراھال، توغرا ئېتىقاد يولىدا چىڭ تۇرۇشقا دائىر ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلار كۆپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدۇ. ئوتتۇراھال يول تۇتۇش تەشەببۇسى ئىسلام دىنىدىكى بىر خىل ئالىي روھ بولۇپ، يۈكسەك ئىنسانىيلىق ۋە چوڭقۇر ھېكمەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى دوستانە، مۆتىدىل، كەڭ قورساق بولۇشقا، ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقتىن يىراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىك، تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ.

ئەگەر كىشى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدىن مەھرۇم قالسا، ئاسانلا بىر تەرەپلىمىلىك كۆرۈلۈپ، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇ سەۋەبلىك جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. ھازىر خەلقئارادا ئىسلام دىنىنىڭ ۋەزىيىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك قۇتراپ كەتتى. ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر دىندىن پايدىلىنىپ ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ، ئىش تېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەسەبىيلىك، تېررورلۇقنىڭ ماھىيىتى ئىسلام بىلەن قارشىلىشىش بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت، شۇڭا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىسلام دىنى قارشى تۇرىدۇ، بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئاللا چەكلەيدۇ.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى چەكلىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك، مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسى ۋە قىلمىشى ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئوتتۇراھال يول ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىكى ئەخلاق پىرىنسىپىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش دەۋرنىڭ تەقەززاسىدۇر. تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، مېھرىبانلىق، كەڭ قورساقلىق، ياخشىلىققا ئۈندەش، رەزىللىكنى چەكلەشتەك ئىسلام روھىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش، ئىسلام دىنىنى دىنىي ئەقىدىلەر ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ پائال شەرھلەش، ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى ۋە ياخشىلىققا ئۈندەش، رەزىللىكنى چەكلەشتەك ئەخلاق قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ دىننى بۇرمىلاپ ۋە دىندىن پايدىلىنىپ تارقاتقان سەپسەتىلىرى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش، مۇسۇلمانلارنى ئوتتۇراھال يولدا مېڭىشقا پائال يېتەكلەش ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇرچى، بۇ دۆلەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

ئوتتۇراھال، توغرا يولدا مېڭىش ئىسلام دىنى ھەر بىر مۇسۇلمانغا قويغان تەلەپ، تۇرمۇشىمىزدا ئېتىقادىمىز يالغۇز ئاغزاكى ئېتىراپتا توختاپ قالماسلىقى، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى ياخشى ئەمەللىرىمىز ئارقىلىق ئېتىقادىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن: كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرار جاي ۋە يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتتە كىيىم - كېچىكىمىز يارىشىملىق، ئاددىي - ساددا، پاكىز بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى؛ ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشىمىز، ئىسراپچىلىق قىلماسلىقىمىز؛ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە پائال ئىنتىلىشىمىز، ئەمگىكىمىزگە تايىنىپ بېيىشىمىز؛ ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىز؛ قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىدىغان، ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان پۇقرا بولۇشىمىز كېرەك.

مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ. بىز دىنىي زاتلار دىنىي ئەقىدىلەرنى چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ئەسەبىيلىكنىڭ خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، مېھرىبانلىق، كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇتۇشىمىز لازىم.

يەنە >>سۈرەتلەر