باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شى جىنپىڭ يىنچۈەن شەھرىدىكى شىنچىڭ مەسچىتىنى كۆزدىن كەچۈردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-07-20   مەنبەسى:خەلق تورى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھرىدىكى شىنچىڭ مەسچىتىگە كېلىپ، جامائەتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەسچىتتە شى جىنپىڭ نىڭشيادىكى دىنىي زاتلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ”مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە دىنلار 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى جەريانىدا شەكىللىنىپ، پىشىپ يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان، پەقەت ئىشنى پۇختا قىلغاندىلا ئاندىن بۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ“. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش يولىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. نەق مەيداندىكى دىنىي زاتلار مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم قۇرئان كەرىمنى، ھەم بېيىش دەستۇرىنى ياخشى ئوقۇپ، دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى؛ مەنبە: خەلق تورى)

يەنە >>سۈرەتلەر