باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ‏ئەركىنلىك ئەھۋالى »ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-03   مەنبەسى:شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى » ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەخمىنەن 8600 خەتلىك بولۇپ، كىرىش سۆز، خاتىمىنى چىقىرىۋەتكەندە 7 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: تارىخ ئىسپاتلىدىكى،  دىننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى چۇقۇم شۇ دەۋردىكى جەمئىيەتكە ماس كېلىشى، يەرلىكلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك؛ دىنلار ئارىسىدىكى بىللە مەۋجۇت بولۇپ بىللە بىرىكىشتە، چوقۇم كەڭ قورساق بولۇپ ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئىناق ئۆتۈش كېرەك؛  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم دىنىي ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. 

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن پرىنسىپلىرى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتكە ئېرىشتى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي تەلىپى ئۈنۈملۈك قانائەتكە ئېرىشتى، دىنىي ساھەنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئېرىشت، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى دىنىي ئىشلار ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى، دىنىي ساھەنىڭ تاشقى ئالماشتۇرۇشى پۇختا قەدەمدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، دىنىي ئېكسترىمىزىمنىڭ سىڭىپ كىرىپ تارقىلىشى ئۈنۈملۈك چەكلەندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆز دىنىغا ئۆزى خوجا بولۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەر قانداق چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جۇڭگونىڭ دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. جۇڭگو سوتسىيالىستىك دۆلەت، شىنجاڭنىڭ دىنى مۇشۇ دەۋر شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ھەرىكەتلىنىدۇ. دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماس كېلىشىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىچكى تەلەپ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق تارىخىي دەۋر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ،شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلغۇچى ئىنكار قىلمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، دىنىي مەسىللەرنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرماقتا. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ، داۋاملىق ھالدا باراۋەر دوستلۇق، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا تاشقى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ ،ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز –ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىق تەرەققىياتى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرى سورىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپىسىنى قۇشىدۇ.

(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى )

يەنە >>سۈرەتلەر