باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-03   مەنبەسى:شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى:  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش بولسا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مەزگىللىك تۈپ دۆلەت سىياسىتى. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن قىلمىسۇن، چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن نىزاملاردىكى مەجبۇرىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىشى كېرەك. پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغاندا مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئاق تاشلىق كىتاب مۇنداق تونۇشتۇردى: قانۇن نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. پۇقرالار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ھەمدە دىنىي ئادەت بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن: ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، بۇتقا باش ئۇرۇش، تىلاۋەت قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز ئېيتىش، قىرائەت قىلىش، ئىسرىق سېلىش، مىسسا، چوقۇنۇش، ئىنرام، ئاخىرقى يۇنكسىيە، ياد ئېتىش ، دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى دىنىي كوللېكتىپلار ۋە پۇقرالار ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەج تاۋاپ قىلىش ئەمەللىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، شىنجاڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەج تاۋاپ قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

شىنجاڭدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي مۇھەببىتى، ئېتىقاد تەلىپى مەسىلىلىرىنى تولۇق ھۆرمەتلەشكە قارىتا، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: رامىزان ئېيى مەزگىلىدە، مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ تىجارەتنى توختىتىشى ياكى تىجارەت قىلىشىنى خوجايىن ئۆزى قارار قىلىدۇ، دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىپتارلىق تاماق ئەنئەنىسى بولغان مەسچىتلەر ۋە بىر قىسىم دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى پۇقرالار روزا تۇتقۇچىلارغا ئىپتارلىق تاماق تەمىنلەيدۇ. ھەر قايسى جايلار مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، رامىزان ئېيى مەزگىلىدىكى ھەر تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆرپ –ئادىتى تولۇق ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ. ھەر مىللەت خەلقى باھار بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت قاتارلىق چوڭ ئەنئەنىۋى بايراملاردا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ۋە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق يېمەكلىكلەردىن تەمىنلىنىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. يەرگە دەپنە قىلىش ئۆرپ –ئادىتى بار بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەخسۇس قەبرىستانلىق يەر ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ. دىنىي تۈس ئالغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ –ئادەتلەر، مەسىلەن ، ئىسىم قويۇش، قىيامدا تۇرۇش، دەپنە قىلىش، نەزىر بېرىش قاتارلىقلار ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ

شىنجاڭدىكى دىنىي ساھەنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقى جەھەتتە، كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىن 1436نەپەر كىشى ۋەكىل، ھەيئەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئارقىلىق، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىنى ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىدە بولۇپمۇ دىن جەھەتتىكى خىزمەتلەردە تەكلىپ–پىكىر بىرىدۇ ياكى تەكلىپ سۇنىدۇ.

(پاتىگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى

يەنە >>سۈرەتلەر