باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئۈرۈمچى شەھىرى تەشكىللىك ھەج پائالىيىتى خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-03   

ئۈرۈمچى شەھىرى ش ئۇ ئا ر نىڭ ھەج خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەج خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بارماقتا.  بۈگۈنگە قەدەر 500 نەپەر خادىمنى ھەج تاۋاپ قىلىشقا مۇقىملاشتۇرۇپ (بۇنىڭ ئىچىدە 50 نەپەر كىشى يېڭىدىن قېتىلغان)، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ھەج راسخوتى يېغىش، سىياسىي سالاھىيىتىنى بېكىتىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش، چېگرادىن كېرىپ-چىقىش رەسمىيىتى قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلىرى ئورۇندىلىپ بولدى. كىيىنكى قەدەمدە پىلان بويىچە تەربىيەلەش ۋە باشقا تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

1. ھەج خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلدى. توردا تىزىملىتىش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق سىستېمىلاشقان رەت تەرتىپ ھالىتى شەكىللەندى. خەلققە قولايلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ئومۇمىي ئادەم سانىنى تەقسىملەش خىزمىتىنى ياخشىلاندى. قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش تۈزۈلمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى ھەجگە تەشكىللەش ۋاقىتلىق چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان) كۈچەيتىلدى. سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوختۇرخانىلىرى بىلەن «ھەج خادىملىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈش كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ھەج خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەج خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 

2. ھەج خىزمىتى ئۇچۇرلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ئاشكارا ئېلىپ بېرىلدى. شەھەرلىك مىللەتلەر- دىن ئىشلىرى تورى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا بۇ يىل 5324نەپەر كىشى ھەج پائالىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ رەتكە تىزىلغانلىقى، 2004-يىلدىن بىرى 3724نەپەر خادىم ھەج خىزمىتىگە قاتناشقانلىقى ئېلان قىلىندى. رايون (ناھىيە)لار بويىچە سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، ئوچۇق، ئاشكارا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش، ھەج راسخوتى قاتارلىق ئۇچۇرلار ۋە شەھەر، رايون (ناھىيە) بويىچە ئىككى دەرىجىلىك ھەج خىزمىتىنى نازارەت قىلىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەجگە تىزىملىتىش، تەرتىپكە ئەمەل قىلىش، تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ خىزمەتلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى. 

3. ئادىل بولۇش پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ھەرقايسى رايون (ناھىيە)دىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، تەلەپ سۇنغان كىشىلەرنىڭ سانى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئومۇمىي ھەج سانى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لارغا تەقسىملەپ بېرىلدى. توردا ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە ئاساسەن ھەرقايسى ناھىيەلەر يوللىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ھەج خىزمىتىنىڭ ئادىللىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 

4. ھەج خىزمىتىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. «شىنجاڭ ھەج خىزمىتى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ”ئونغا يول قويماسلىق“» تەلىپىگە ئاساسەن، ھەج خادىملىرى ھەج خىزمىتى پاكلىق مەسئۇلىيەتنامىسىگە قول قويۇشقا تەشكىللەندى. كىم ئاۋۋال تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا شۇنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت پىرىنسىپىغا  قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەج قىلىش سانىغا كېرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئىزدەش، تەستىق سېلىش، باشقىلارنىڭ سانىنى ئىگىلەش، خالىغانچە تىزىملىك نۆۋەت تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىندى. ھەج راسخوتىنى ئۆلچەم بويىچە يېغىش ۋە خىراجەتنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

(ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەتلەر ـ دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ؛ مەنبەسى: دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تور بېكىتى)

يەنە >>سۈرەتلەر