باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 3-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-03   مەنبەسى:دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 3-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 50 نەپەر دىنى زات مۇسابىقىگە قاتناشتى. 600دىن ئارتۇق دىنى زات، ئېتىقادچى ئامما ھەمدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دىنى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنى ئاڭلىدى.

بۇ قېتىملىق ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ”ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“نى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ئارقىلىق ”جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، رايونىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا باب كېلىدىغان“مۇنەۋۋەر ۋەز-تەبلىغلەرنى يېزىش، مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىش، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دىنىي ئەقىدە ۋە تەلىماتلاردىكى ئاكتىپ ئامىللار بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا يېتەكلەش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا ئەقىدە ئارقىلىق ناتوغرا ئەقىدىنى سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، قانۇن بىلەن چەكلەش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ”تۆتنى تەڭ باشقۇرۇش“تا چىڭ تۇرۇپ، ”ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. ماھىرلار دەۋر تېمىسىغا چىڭ يېپىشىپ، رېئال تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئىسلام دىنى تەلىماتلىرىدىكى ”تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ۋەتەننى سۆيۈش، دوستانىلىق“ئىدىيەلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى، شۇنداقلا ۋەز-تەبلىغ سۆزلەش سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا ئۆگەندى، پىكىر ئالماشتۇردى، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، بىرلىكتە بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇردى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك ئىمام بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىشىمىز، كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ئەپۇچانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا، دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا بارلىق زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز لازىم.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ”ئۈچ خىل كۈچ“نىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينالدى.

(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر