باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن قىرغىزىستان باشمۇفتىسى مەقسەتبېك بىلەن سۆھبەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-05-10   

5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مۇفتىسى مەقسەتبېك بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

ۋاڭ زوئەن مېھمانلارغا جۇڭگودىكى دىنلارنىڭ ئەھۋالى ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ياخشى دوست ۋە ياخشى قوشنا، شۇنداقلا ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدىكى مۇھىم دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. باش موفتىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ئىككى دۆلەت دىنى ساھە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ناھايىتى پايدىلىق. جۇڭگو ۋە قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئوتتۇر ھاللىق ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاڭ زوئەن مەقسەتبېكنى بۇ يىلقى جۇڭگودا ئۆتكۈزىلىدىغان ”ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇر ھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى“غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. مەقسەتبېك ۋاڭ زوئەننىڭ تەكلىپىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئۆز ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈف ماجىن، تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جىيەنجېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

)دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى خەۋىرى؛ مۇھەممەد ئەمىن مەخمۇت تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ(

يەنە >>سۈرەتلەر