باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-27   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

 

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى، يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 -ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى 22-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ دىن خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، دىن خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دىن مەسىلىسى پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم ياخشى بىرتەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. دىن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۆلىتىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە بىلەن دىنىي ساھەنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇقىم ۋە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. ئەمەلىيەت پارتىيەمىزنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.

شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنى پارتىيەمىز ماركسىزملىق دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دىن ئىشلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىشتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىشقا؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈشكە؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشقا؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «يېتەكلەش»كە چوڭقۇر باش قاتۇرۇش، مەسىلىنى ئېنىق ۋە توغرا ئىگىلەش، «يېتەكلەش»كە ماھىر بولۇش، «يېتەكلەش»كۈچلۈك بولۇش، «يېتەكلەش»نىڭ ئۈنۈمى بولۇش، دىن خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل، تونۇش ۋە دىنغا توغرا مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ۋە دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دىن ساھەسىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىن تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، تىنچ، كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئاساسىي ئېتىقادى، يادرولۇق دىنىي ئەقىدىلەر، قائىدە-يوسۇن ۋە تۈزۈملىرىنى ساقلىشىنى قوللاش بىلەن بىللە، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي قائىدىلەردىكى ئىجتىمائىي ئىناقلىق، دەۋر تەرەققىياتى، ساغلام ۋە مەدەنىي بولۇشقا پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىپ، دىنىي قائىدە ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنى جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەش تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پائال، ساغلام دىنىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىنىي مۇناسىۋەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن دىن، جەمئىيەت بىلەن دىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، دۆلىتىمىزدىكى دىنلار بىلەن چەت ئەلدىكى دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى دىنىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى كۈچەيتىش، ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، دىننى ھاكىمىيەت ئىشلىرى، ئەدلىيە، مائارىپ قاتارلىق دۆلەت فۇنكسىيەلىرىگە ئارىلاشتۇرماسلىق، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىن خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دۆلەت قانۇنى ۋە دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دىنىي تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىچكى ئىشلاردىكى رولىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئىستىل جەھەتتە دېموكراتىك، خىزمەت جەھەتتە ئۈنۈملۈك بولغان يۇقىرى ساپالىق رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى چوڭقۇر، ئەخلاق جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ھالقىلىق پەيتتە رول ئوينىيالايدىغان بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئالاقە تورىدىكى دىن مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىدا پارتىيەنىڭ دىن نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىجابىي سادالارنى تارقىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەم نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دىنلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئومۇمىيلىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى مۇھىم قارالمىلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، دىن خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ، دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرى، شۇنداقلا دىنىي ساۋاتلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بۇنى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىتىش كېرەك. كۈچلۈك رەھبەرلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، پىلانلاش، يول كۆرسىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرلىكسەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ماسلاشتۇرۇشى، دىن خىزمىتى تارماقلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىلىرى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرى، دىن ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دىن توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكىرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ دىن خىزمىتى ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى دىن خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان خىزمەتنى كۈچەيتىشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى مۇستەھكەم ماركىسىزملىق ئاتىزمچىلاردىن بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، غايە ۋە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملىشى، پارتىيەنىڭ مىزانىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئېتىقادىنى ھەرگىزمۇ دىندىن ئىزدىمەسلىكى كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىلمىي دۇنيا قاراش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئىلىم-پەنگە ئىشىنىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلىم-پەننى تارقىتىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يىتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىستىك بايرىقى ئاستىدا دىنىي ساھە بىلەن بىرلىكسەپ قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دىن مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. سىياسىي جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، كۆپرەك ئۇچرىشىپ، كۆپرەك سىردىشىپ، كۆپرەك ياردەم قىلىشىمىز، قائىدە ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىشىمىز، ھېسسىيات ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشىمىز، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى جەلىپ قىلىشمىز ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، دىن خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەلەر ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھىيىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جايلار ۋە تارماقلار دىن خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، دىننىڭ قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، دىن ساھەسىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ساھە بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

يۈ جېڭشېڭ خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دىن خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دىن خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەلەر ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھىيىلەنگەن، بۇ پارتىيەمىزنىڭ دىن مەسىلىسى ۋە دىن خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىق ھۆججەت. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنىڭ تۈپ فاڭجېنىنى توغرا ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى دىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش ۋە يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. دىن خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى تېخىمۇ پائال ياخشى ئىشلەش؛ دىن خىزمىتىنىڭ ماھىيەتتە ئاممىۋى خىزمەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئاممىۋىي خىزمەت ئىدىيەسى ۋە چارىسى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇش؛ دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دىننىڭ ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، دىننىڭ پاسسىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكلەش؛ دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش يۆنىلىشىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن داۋاملىق ماسلاشتۇرۇش؛ پائال، ساغلام دىن مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ دىن خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دىن ساھەسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى قانۇن بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ روھى ۋە تەلىپىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مائارىپ مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، خېبېي ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يەنە >>سۈرەتلەر