باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-16   مەنبەسى:مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا.(مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10 - مارت چۈشتىن بۇرۇن 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللەر بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. لى كېچياڭ سائەت 9 دا يىغىن مەيدانىغا كىردى. ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. زۇڭلى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ئەھۋاللاشتى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. زۇڭلى لى كېچياڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاپ، شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە ۋە تەستىقىي يوليورۇق بەردى. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭغا ئالاقىدار چوڭ تۈرلەر، مۇھىم سىياسەتلەرنى تەستىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە يېتەكلىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى.

شۆھرەت زاكىر، ۋۇ گاڭ، ليۇ شىنچى، مەمەت ئىبراھىم مەمتىمىن، زېڭ سۈن، تالغات ھۈسەن قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى مەزگىلدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك» رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەردىن كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولۇش؛ مۇقىم بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق قەشقەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «12 - بەش يىل»دا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەم دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى نەزەرىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تەلىپىگە ماس كەپتۇ. بىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپ بويىچە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇردى ھەم كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە بىرمۇ بىر ئىنكاس قايتۇردى. يىغىن زالىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. مەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق ياقىلايمەن. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۆرىدەپ تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە جەزمەن ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى جەزمەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەل قىلىمىز.

لى كېچياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ. ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن بىردەك ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش، كەسىپلەر قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىش، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، قىممەتلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

لى كېچياڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىيات بارچە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ شەرتى، تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭ تىرىشىپ، تېز ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋەزىپە. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بايلىقتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك بەرپا قىلىش، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار تېخنىكىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ئوينايدىغان تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايونىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈر ۋە سىياسەتلەرنى شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بۇ گۆھەر زېمىنىدا يول راۋان، قاتناش قولاي، سۇ يېتەرلىك بولۇشنى، باي - باياشاتچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى داۋاملىق مەركىزىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش −− پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنىڭ تەلىپى، بۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش −− خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ياشلارنى قىلىدىغان ئىشى، پۇل تاپالايدىغان يولى بولۇشقا يېتەكلەش؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى تۈرلۈك - چارە تەدبىر قوللىنىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مائارىپ −− تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. مائارىپقا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا جەلپ قىلىپ، ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختا سېلىش كېرەك. باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ بۇ «جان تومۇرى»نى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. بىزدە «ئىتتىپاقلىق −− كۈچ» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈش، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئىناقلىقىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىنىش تۇيغۇسى ۋە تونۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىڭتۈەن − شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ، بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈلگىلىك رولىنى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى كېچياڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى خىرىس ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، يەنىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ شىنجاڭنىڭ مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قايتا تەكىتلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئېنىق قوللاپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىگە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم قاراتمىلىق، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش روھىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملاش كۈچى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئىدىيەسىدىن ھاياجانلاندى ھەم ئىلھاملاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار كۆرسەتمە، تەلەپلىرىنى چۈشىنىپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر قاتار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «13 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى شياۋ جيې، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى، مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جياۋ يۇڭ، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شۇخۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى

لى كېچياڭ شىنجاڭلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشمەكتە.(مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

يەنە >>سۈرەتلەر