باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

زۇڭلى لى كېچياڭ نىڭشيادا مەسچىتكە بېرىپ مىللىي دىنىي زاتلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-04   

جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى: زۇڭلى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى يىنچۈەن يۇڭنىڭ ناھىيەسى ناجياخۇ مەسچىتىدە مىللىي دىنىي زاتلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. 492 يىللىق تارىخى بولغان بۇ  مەسچىتتە جۇڭگوچە ئۇسلۇب بىلەن ئىسلامىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ”ئائىلە ئىناق بولسا ھەممە ئىش روناق تاپىدۇ. دىنىي زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن“.

(دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تورىدىن ئېلىندى. ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر