باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-22   
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «رىياد گېزىتى»دە «ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولايلى» تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولايلى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
 
سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ يىلقى تۇنجى زىيارەت بېكىتىم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن زىيارەت قىلغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ قېرىنداش دۆلىتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تىلغا ئېلىنغىنىدا «نېفىت دۆلىتى»نىڭ مول نېفىت بايلىقى، ئىسلام دىنى پەيدا بولغان جاينىڭ ئۇزاق تارىخى، قۇملۇقتىكى شەپەقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جىلۋىلىنىدۇ.
مەن 2008-يىلى جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن رەئىس سالاھىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولدۇم، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى گۈللەپ راۋاجلانغان، خەلقى قىزغىن، دوستانە بولۇپ، مەندە ياخشى تەسىر قالدۇرغانىدى.

  ئارىدىن سەككىز يىلدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى سالماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو خەلقنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە بولغان ئارزۇسىنى ئېلىپ بۇ گۈزەل، باياشات تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم قويدۇم.

جۇڭگودا «دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر» دېگەن گەپ بار. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «جىددىي ياردەمگە كېرەكلىك كىشىلەرگە قولىنى ئۇزاتقانلىق ئەڭ چوڭ ساۋاب ئىش» دېگەن تەمسىلى بار. 2008-يىلى جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيەسىدە پەۋقۇلئادە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستان تۇنجى بولۇپ جۇڭگونى 60 نەچچە مىليون دوللار ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىن تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ كۆپ يەككە ياردەم. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقىنىڭ ياردىمى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان دوستلۇقىنىڭ جانلىق ناماياندىسى. جۇڭگو خەلقى بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمكى يىپەك يولىدا ئىككى تەرەپ تۆگە ئەترەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تازىك دۆلىتى جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇسۇلمان دېڭىزچى جېنخې جىددە، مەككە، مەدىنە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بارغان يېرىنى «خەلقى گۈزەل»، «دۇنيانىڭ جەننىتى» دەپ ماختىغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىنسانلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

 (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر