باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-22   
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-يانۋار مىسىردا زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا، مىسىرنىڭ «ئەلئېھرام گېزىتى»دە «جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلى» تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنى نىل دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىشىگە ئوخشاش ئالغا سىلجىتايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  مەن زۇڭتۇڭ سىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىم شۇنداقلا 2016-يىلدىكى تۇنجى زىيارىتىم. مەن مىسىر ۋە ئەرەبلىك دوستلار بىلەن دوستلۇق بايانى يېزىپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا كېڭىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنىڭ بىر قېتىملىق دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، ئورتاق يېڭىش سەپىرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «مىسىر نىل دەرياسىنىڭ ھەدىيەسى.» 16 يىل بۇرۇن، مىسىرنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغىنىمدا، قەدىمكى مىسىر خەلقىنىڭ دەۋرىيلىكى كۆپ بولىدىغان كەلكۈننى قانداق قىلىپ دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم بايلىققا ئايلاندۇرغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، نىل دەرياسىنىڭ مىسىر مەدەنىيىتىنى تاۋلايدىغان ئانا دەريا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە مىسىر خەلقىنىڭ پاراسىتى ۋە كۈچىگە چىن قەلبىمدىن قايىل بولدۇم.

(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

يەنە >>سۈرەتلەر