باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ھەج پائالىيىتىدە داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-10   
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ھەج پائالىيىتىدە داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىللىق ھەج پائالىيىتىدە ھاجىلارنى داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىدى ھەمدە خىزمەتتە ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشىلاش، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىغا قارىتا تېخىمۇ ياخشى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا شەرق نەپەس ياللۇغى ئارىلاشما كېسەللىكى ۋە باشقا يېڭى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-باشقارمىسى، دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەھىيە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى سەھىيە باشقارمىسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ھەج پائالىيىتىدە ھاجىلارنى داۋالاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، ئىچكى موڭغۇل. خېنەن، يۈننەن، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق نۇقتىلىق 8 رايوندىكى ھاجىلارنى داۋالاشقا مەسئۇل خادىملاردىن بولۇپ، 40 كىشى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەج مەزگىلىدىكى كۈندىلىك داۋالاش، سەھىيە خادىملىرىنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئايرىۋېتىش ئۆيىنى ئىلمىي تەسىس قىلىش، دورا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش، تومۇز ئىسسىقتا جىددىي قۇتقۇزۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى. ئورتاق تەتقىق ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق «ھەج پائالىيىتىدە ھاجىلارنى داۋالاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە لايىھە»(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئۆزگەرتتى. (دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-باشقارمىسى خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر