باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ۋاڭ زوئەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى رەئىسى لاۋىر غەينۇدىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-01   
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تور بېتى خەۋىرى: 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى رەئىسى لاۋىر غەينۇدىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ زوئەن جۇڭگو، رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بېرىش-كېلىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رۇسىيە ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
رەئىس لاۋىر غەينۇدىن قاتارلىقلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى بىلەن ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا يېڭى ئەسلەتمە ئىمزالايدۇ.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ خۇڭ قاتارلىقلار بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
(دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر