باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى رەئىسى لاۋىر غەينۇدىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-01   
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تور بېتى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى رەئىسى لاۋىر غەينۇدىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ جىڭۋېي مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا، بۇ ھەمكارلىق ھازىر يېڭى باسقۇچقا كىردى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلىرىمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“.
ۋاڭ جىڭۋېي يەنە مېھمانلارغا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى، تىنچلىقنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىك ئىدىيەسى ۋە مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ خۇڭ، 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇستافا ياڭ جىبو قاتارلىقلار بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
(دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر