باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

موسكۋا جامەسى قايتا ياسالغاندىن كېيىن ئېچىلدى، پۇتىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-29   
«خەلقئارا لىنىيە »خەۋىرى: رۇسىيە ۋاقتى 2015-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زور كۆلەملىك قايتا قۇرۇلۇشتىن كېيىن ئېچىۋېتىلگەن موسكۋا جامەسىگە كەلدى.
رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ جامەدىن بىرى بولغان بۇ جامەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى لاۋر غەينۇدىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان نەزەربايېف، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، ئەنئەنىۋى دىنلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى باش مەمۇرىي رامىزان قادىروف، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى باش مەمۇرىي رۇستەم مىنىخانوف، ھىندىقۇش جۇمھۇرىيىتى باش مەمۇرىي يۇنۇسبەگ يېفقۇلوف، داغىستان جۇمھۇرىيىتى باش مەمۇرىي رامىزان ئابدۇللايېف قاتارلىقلارمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
نەچچە مىڭ مۇسۇلمان ئامما موسكۋا جامەسى ئالدىغا يىغىلىپ، بۇ تارىخىي ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ شاھىتلىرىدىن بولۇشنى ئارزۇ قىلدى. پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس: ”بۇ جامەنىڭ قايتا ياسالغانلىقى ھۆكۈمەتنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى، بىز بۇ جامەنىڭ يېڭىدىن سېلىنغانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز“ دېدى.
قايتا ياسالغاندىن كېيىنكى موسكۋا جامەسى ئىلگىرىكىسىدىن 20 ھەسسە چوڭ بولۇپ، ھازىرقى كۆلىمى 19 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ نامازخاننى سىغدۇرالايدۇ.
ئالتە قەۋەتلىك بۇ جامەگە جەمئىي يەتتە لىفىت ئورنىتىلغان، ئېتىقادچى ئامما ۋە مېيىپلار ئۈچۈن ئايرىم ئەسلىھەلەر تەسىس قىلىنغان. جامە ئىچىدىكى بەزى بۆلۈملەرگە كەڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئورنىتىلغان بولۇپ، جامەنىڭ چوڭ زالىدا بولۇۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. جامەنىڭ ئاساسلىق قۇببىسىنىڭ ئېگىزلىكى 46 مېتىر، دىيامېتىرى 27 مېتىر كېلىدۇ.
(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر