باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

كەئبە يوپۇقى ئەرافات كۈنى ئالماشتۇرۇلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-29   
خەلقئارا ئىسلام ئاگېنتلىقىنىڭ مەككەدىكى خەۋىرى: بۈگۈن ئەرافات كۈنى، قائىدە بويىچە 86 تېخنىك ئىشچىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك بۈگۈندىن باشلاپ كەئبەنىڭ يوپۇقىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. كەئبەنىڭ يوپۇقى يىپەك ۋە ئالتۇن مەشۇتتىن توقۇلغان بولۇپ، قىممىتى 22 مىليون لىراغا يېتىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي 700 كىلوگىرام مەشۇت، 120 كىلوگىرام ئالتۇن ۋە كۈمۈش مەشۇت ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەستىرى ساپ پاختىدىن توقۇلغان. ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىلگەن يوپۇق مەككەدىكى يوپۇق فابرىكىسىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئىچىدىكى بىر قىسىم پارچىلىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارغا ھەدىيە سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىمۇ كەئبەنى يوپۇق بىلەن ئورايدىغان ئەھۋال بار ئىدى، تارىخىي رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، كەئبەگە ئەڭ بۇرۇن يوپۇق ياپقان كىشى يەمەن پادىشاھى ئەبۇ قەلب ھۇمەيردۇر. بۇ ئادەت كېيىن ئىسلامىيەتتىمۇ قوبۇل قىلىنغان.
ھىجرىيە 8-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككەگە شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەن يىلى كەئبەنىڭ يوپۇقى بىر ئايال تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قايتىدىن يوپۇق يېپىشنى بۇيرۇغان، شۇنىڭدىن تارتىپ، كەئبەنىڭ يوپۇقىنى مۇسۇلمانلار ئۆز قولى بىلەن توقۇيدىغان ۋە يېڭىلايدىغان بولغان. ئۇمەۋىيە خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇمەۋىيە خەلىپىلىرى ئىككى يوپۇق تەييارلىتىدىغان بولغان، ئۇنىڭ بىرسى يىپەكتىن، بىرسى مىسىرنىڭ پاختىسىدىن توقۇلاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە يوپۇق ئاشۇرا كۈنى ئالماشتۇرۇلغان، ئۇمەۋىيە خانلىقى دەۋرىدە ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇلغان، بىرىنچى قېتىم ئاشۇرا كۈنى، ئىككىنچى قېتىم رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئالماشتۇرۇلغان؛ ئابباسىيە خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە يوپۇق ئاساسەن ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى ياكى جەمەل كۈنى(تۆگە سۇغۇرۇش كۈنى) ئالماشتۇرۇلغان.
ھىجرىيە 6-ئەسىردىن 1387-يىلغىچە كەئبە يوپۇقىنى ئالماشتۇرىدىغان كۈن قۇربان ھېيت ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. ھىجرىيە 1387-يىلىدىن كېيىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى، يەنى ئەرافات كۈنىگە بېكىتىلگەن. (ھەسەن، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر